قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە

2018-11-07 12:45:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالدى بىلەن، كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە، ئولتۇرۇش ھالىتى ئازادە بولۇشى، كۆز بىلەن ئېكراننىڭ ئارىلىقى 40سانتىمېتىردىن 50 سانتىمېتىرغىچە بولۇشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئورۇندۇق سەل قاتتىق بولىشى، ئېگىزلىكى تىزنى تەبىئىي ھالدا  90 گىرادۇس ئېگىپ تۇرغۇدەك ھالەتتە بولۇشى، پۇت يەر بىلەن تەكشى تېگىشىپ تۇرىشى كىرەك. ئېكران مەركىزىنىڭ ئورنىنى كومپيۇتېرغا قارايدىغان كۆرۈش سىزىقى بىلەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كەلتۈرۈپ، ئۈستەل ئاستىدا ئىككى پۇتنى سوزۇپ ئولتۇرغىدەك يېتەرلىك بوشلۇق قويۇش كىرەك، شۇنداق قىلغاندا قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېرنى ئۇدا بىر سائەت ئىشلەتكەندىن كېيىن، 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئېلىش، ئولتۇرۇش ھالىتىنى پات ـ پات ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كىرەك، ھېرىپ قالغاندا بەلنى سوزۇشمۇ بىر خىل ياخشى ھۇزۇرلىنىشتۇر.
كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، كۆز ئاسانلا چارچاپ، قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا قان تولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا ئارام ئېلىش بولۇپ، كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى، بەك يورۇق ياكى بەك تۇتۇق بولماسلىقى كىرەك. يەنە نۇرنىڭ ئېكرانغا بىۋاسىتە چۈشۈپ، كاشىلا پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر كۆزىڭىز قۇرغاقلىشىپ، قىچىشقاندەك ھېس قىلسىڭىز، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، بىر نەچچە مىنۇت ئارام ئېلىڭ. ھەرگىزمۇ قولىڭىز بىلەن كۆزىڭىزنى ئۇۋىلىماڭ، ئاندىن كۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان كۆز دورىسى تېمىتىپ، كۆزىڭىزنى يەنە بىر نەچچە مىنۇت يۇمسىڭىز، كۆزىڭىز ئارام ئالالايدۇ.
يۇقىرىدىكى بىرقانچە تەكلىپنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئادەتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا كومپيۇتېرنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە پايدىسى تېگىپ، تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەمدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى