قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جەن تىيەنيو

2018-11-07 16:32:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جەن تىيەنيو-- ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر ئېنژىنىرى. بېيجىڭدىن جاڭجىياكوغىچە بولغان بىر بۆلەك تۆمۈر يول ئەڭ بۇرۇن ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالغان. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرى ئۆزلىرى لايىھىلەپ ياسىغان تۇنجى تۆمۈر يول غول لېنىيەسى. بېيجىڭدىن جاڭجىياكوغىچە بولغان تۆمۈر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر بولۇپ، شىمالىي جوڭگۇ بىلەن غەربىي شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولى ئىدى.
ئەينى ۋاقتىدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دەسلەپ تۆمۈر يول ياساش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىر قىسىم جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ تۆمۈر يول ياساش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش ھەم دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىنى يەنىمۇ كونترول قىلىش كويىدا بولغان. جاھانگىرلارنىڭ ھېچقايسىسى يول قويمىغاچقا، ناھايىتى ئۇزۇن تالاش- تارتىش قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىغان. ئاخىرى ئۇلار: «چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇ تۆمۈر يولنى ئۆزىنىڭ ئىنژىنىرلىرىنى ئىشلىتىپ ياسىسا، ئۇنىڭغا ھېچقانداق پىكىرى يوقلىقى» توغرىسىدا شەرت قويۇشقان. ئۇلارنىڭ خىيالىچە ئۇلار بۇ نىڭدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تۆمۈر يول ياساشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىرى ئۆزلىرىدىن ياردەم سورايدۇ، دەپ ئويلاشقان. ئەمما، جاھانگىرلار پۈتۈنلەي خاتالاشقان ئىدى. ئۇ دەۋرلەردە جوڭگۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنژىنىرلىرى بار بولۇپ، جەن تىيەنيو دەل ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى.
1905- يىلى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جەن تىيەنيونى بېيجىڭدىن جاڭجىياكوغىچە بولغان تۆمۈر يول ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ باش ئىنژىنىرلىقىغا تەيىنلىگەنلىك خەۋىرى پۈتۈن مەملىكەتنى لەرزىگە كەلتۈردى، كۆپچىلىك بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن شادلاندى. ئەكسىچە جاھانگىرلەر بولسا بۇنى بىر ئەخمىقانىلىق دەپ قاراشتى. بىر چەتئەل گېزىتى يەڭگىللىك بىلەن: «نەنكۇدىن شىمالغا بولغان بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارىدىغان جۇڭگۇلۇق ئېنژىنىر تېخى دۇنياغا كەلمىدى» دەپ خەۋەر بەردى. ئەسلىدە نەنكۇدىن شىمالغا جۈيوڭگۈەندىن ئۆتۈپ بادالىڭغىچە بولغان ئارلىقتا پۈتۈنلەي ئېگىز تاغ، چوڭقۇر جىلغىلار ۋە تىك قىيالار بار ئىدى.
ئۇلار بۇ مۇستەھكەم قۇرۇلۇشنى چەتئەلنىڭ داڭلىق ئېنژىنىرلىرىمۇ ئېھتىيات بىلەن سىناپ باقىدىغان تۇرسا، جۇڭگۇلۇقلار قانداقلا قىلمىسۇن بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملىيالمايدۇ، دەپ قاراشتى.
جەن تىيەنيو قىيىنچىلىقتىن، مەسخىرىلەردىن قورقۇپ قالماي بۇ ۋەزىپىنى قەتئىيلىك بىلەن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال لېنىيەنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى باشلىۋەتتى. قەيەردىكى تاغنى ئېچىش، قەيەرگە كۆۋرۈك سېلىش، قەيەردىكى تىك داۋاننى تۈزلەش، قەيەرنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسىنى كىچىكلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، ئەتراپلىق ھېسابلاپ چىقتى. جەن تىيەنيو دائىم خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ: «بىزنىڭ خىزمىتىمىز ناھايىتى نازۇك ئىش، ئازراقمۇ بىپەرۋالىق  قىلماسلىقىمىز؛ ‹ئاساسەن›، ‹تەخمىنەن› دېگەندەك سۆزلەر بىز قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ئېغىزىدىن چىقماسلىقى كېرەك» دەيتتى. ئۇ ئۆزى ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچىلارنى باشلاپ، بەلگە خادىسىنى كۆتۈرۈپ، تېئودولىتنى مۈرىسىگە ئارتىپ، تىك يارلاردا نۇقتا بەلگىلەش، ئۆلچەپ سىزىش ئىشلىرىنى قىلاتتى. دائىم قاتتىق بوران چىقىپ، قۇملار ئاسماننى قاپلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئازراقلا ئېھتىيات قىلمىسا چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋىپى بار ئىدى. شارائىتنىڭ قانچىلىك ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جەن تىيەنيو باشتىن- ئاخىر دالىدا خىزمەت قىلدى. كۈندۈزى ئۇ تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، يول لېنىيەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىسە، كەچلىكى، جىن چىراغ يۇرىقىدا چېرتىيوژ سىزاتتى، ھېسابلايتتى. مۇۋاپىق بولغان يول لېنىيەسىنى تېپىش ئۈچۈن، دائىم دېگۈدەك يەرلىك دېھقانلاردىن مەسلىھەت سورايتتى. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇ ھەمىشە: «بۇ جۇڭگۇلۇقلار ئۆزى ياسىغان تۇنجى تۆمۈر قۇرۇلۇشى. شۇڭا، چوقۇم ئۇنى ياخشى ياساش كېرەك. بولمىسا، چەتئەللىكلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپلا قالماي، جۇڭگۇ ئىنژىنىرلىرىنىڭ ئىشەنچى يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ» دەپ ئويلايتتى.
تۆمۈر يول نۇرغۇنلىغان ئېگىز تاغلاردىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، تونىل قازماي بولمايتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۈيوڭگۈەن بىلەن بادالىڭدىن ئىبارەت ئىككى ئورۇندىكى تونىلنى قېزىش قۇرۇلۇشچىلارغا ئىنتايىن تەسكە توختىدى. چۈنكى، جۈيوڭگۈەننىڭ تاغ شەكلى ئېگىز، تاش قاتلاملىرى قېلىن بولغاچقا، جەن تىيەنيو تاغنىڭ ئىككى تەرىپىدىن تەڭلا مەركىزىگە قارىتا قېزىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. تاغ چوققىسىدىكى بۇلاق سۈيى تۆۋەنگە قاراپ ئېقىپ، تونىل ئىچى پاتقاققا توشۇپ كەتكەندە، ئىش ئورنىدا سۇ تارتىش ماشىنىسى بولمىغاچقا، جەن تيەنيو ئۆزى باش بولۇپ، سۇنى چېلەكلەپ توشىدى. ئۇ دائىم ئىشچىلار بىلەن بىرگە غىزالىنىپ، بىرگە تۇرۇپ، ئىش ئورنىدىن ئايرىلمىدى.
 بادالىڭ تونىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 مىڭ 100 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، جۈيوڭگۈەن تونىلى ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. ئۇ پېشقەدەم ئىشچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تاغنىڭ ئوتتۇرىدىن قۇدۇق قېزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تاغ چوققىسىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ ئىككى تىك قۇدۇق كولاپ، قۇدۇق ئىچىدىن ئىككى تەرەپكە قارىتىپ تونىل قازدى. بۇ ۋاقىتتا تاغنىڭ ئىككى تەرىپىدىنمۇ تەڭلا تونىل قېزىلدى، بۇ ئارقىلىق پىلاندىكى پۈتۈش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى تېجەپ قالدى.
چىڭلوڭ كۆۋرۈكى يېنىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يولنى ياسىغاندا، يولنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ ئىد. پويىز قانداقمۇ بۇ يانتۇلۇققا چىقالىسۇن؟ بۇنىڭ بىلەن جەن تىيەنيو تاغ شەكلىنى بويلاپ، دۆلەت ئورتاق تېلىدىكى «ئادەم» خېتى شەكلىدىكى يول ياساشنى پىلانلىدى. شىمالغا بارىدىغان پويىز جەنۇبىي ۋوگزالغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئالدىدىن تارتىدىغان ۋە كەينىدىن ئىتتىرىدىغان ئىككى پويىز بېشىنى ئىشلەتتى. بۇ چىڭلوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە، پويىز شەرقىي شىمال يۆنىلىشى بويىچە مېڭىپ، «ئادەم» خېتى شەكىللىك ئاچا يولغا كەلگەندە، كەينىگە يېنىپ، ئەسلىدىكى ئىتتىرىش رولىغا ئىگە بويىز بېشى بىلەن پويىزنى تارتىپ، ئەسلىدىكى تارتىش رولىغا ئىگە پويىز بېشى ئارقىلىق پويىزنى ئىتتىرىپ ماڭغۇزىدۇ- دە، بۇنىڭ بىلەن پويىز غەربىي شىمال يۆنىلىشىدە ئىلگىرلەيتتى. بۇنداق بولغاندا، پويىزنىڭ تاغقا چىقىشىمۇ ئاسانغا توختايتتى.
بېيجىڭ- جاڭجىياكو تۆمۈر يولىدا تۆت يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىدىكى پىلاندىن ئىككى يىل بۇرۇن پۈتۈن لېنىيە بويىچە قۇرۇلۇش تاماملاندى. بۇ ئىش جۇڭگۇنى كۆزگە ئىلمىغان جاھانگىرلارغا كۈچلۈك زەربە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز پويىزغا ئولتۇرۇپ بادالىڭغا بارغاندا، چىڭلوڭ كۆۋرۈكى بېكىتىدە بىر مىس ھەيكەلنى كۆرىمىز. ئۇ بولسا جەن تىيەنيونىڭ ھەيكىلى ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى