قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باش قىشتىكى خەلق ئارىسىدىكى ئۆرپ - ئادەتلەر

2018-11-07 17:18:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قىشنى كۈتۈۋېلىش:
  باش قىش، باش باھار، باش ياز، باش كۈز بىرلەشتۈرۈلۈپ تۆت باش، دەپ ئاتىلىدۇ، شۇنداقلا قەدىمقى جەمئىيەتتىكى مۇھىم بايراملارنىڭ بىرى. ئىلگىرى تېرىقچىلىق جەمئىيىتى بولۇپ، كىشىلەر بىر يىل ئەمگەك قىلىپ باش قىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ دەم ئالاتتى، شۇنىڭغا قوشۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە جاپالىق ئىشلىگىنىگە تارتۇق قىلىناتتى. «باش قىش كۈنلىرى قىشنى تولۇقلاش، ئېغىزدىكى بوشلۇقنى تولۇقلاش» دېگەن ماقال تەمسل ئەڭ ياخشى نەقىل كىلتۈرۈلگەن. قەدىمدە، پادىشاھ چىقىپ بۇ كۈننى كۈتۈۋالاتتى، ھەمدە ۋەزىرلەرگە قىشلىق كىيىم ئىنئام قىلاتتى ھەمدە تۇل خۇتۇن- يىتىملەرگە خەيرىخاھلىق يەتكۈزەتتى.
  
  قىشنى تەبرىكلەش:
  قىشنى تەبرىكلەش قىشقا تاۋاپ قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا بۇ خىل ئۆرپ- ئادەت بار ئىدى. شەرقى خەن سۇلالىسىدىكى سۈي دىڭنىڭ «تۆت كەسپ ۋە تۆت مەۋسۈم» دېگەن كىتابىدا «قىش كىرگەن كۈنى ھاراق ئىچىپ تاماق يەپ، ياشانغانلارنى يوقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. سۇڭ سۇلالىسىدە ھەر يىلى بۇ كۈندە، كىشىلەر يېڭى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەبرىكلەپ، بۇرۇنقىدەكلا يېڭى يىل بايرىمىنى كۈتۈۋالغان. ھازىر بەزى جايلاردا قىش پەسلىنى تەبرىكلەشتە بەزىبىر يېڭلىقلارنى ياراتقان، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچيۇ شەھىرىدە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە قىش كىرىشى بىلەنلا، قىشلىق سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرى ئىلگىرى سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق قىشنى كۈتۈۋالاتتى. قىشلىق سۇ ئۈزۈش مەيلى شىمالدا ياكى جەنۇبتا بولسۇن، قىش پەسلىدە كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان بىر خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىغا ئايلانماقتا.
 
  يىمەك ئىچمەك ئادىتى:
  باش قىشتا تۈگرە يەيدىغان ئادەت بار. قىش كىرگەندە ئائىلىلەردە تۈگرە تۈگىدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ كىشىلەر يېسىۋېلەك قىيمىلىك تۈگرە يەيدۇ، بۇنى ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يىسە ئۇششاق چانالغان سامساق بىلەن تەمى تولىمۇ مەززىلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا باش قىشتا نېمە ئۈچۈن تۈگرە يەيدۇ؟ چۈنكى، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولغاچقا بىر يىلدىكى 24 مەۋسۈمگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. بايرام دەل گۈل- گىياھلارنىڭ ئۆسۈش ۋاقتى، ئاشلىقنى كۈزدە يىغىۋېلىپ قىشتا ساقلايدىغان بولغاچقا بۇ كۈنى جۇۋاۋا يىيىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى دەپ قارايدۇ.  باش قىش-- قىشنىڭ ھەقىقىي كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ قۇۋۋەت تولۇقلاش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا گۈل- گىياھلار خازان بولىدۇ، قۇرۇت- قۇڭغۇزلار ئۆچەككە كىرىدۇ، بارلىق مەۋجۈداتلار ھەركەتتىن توختايدۇ. ئىنسانلاردا گەرچە قىشلىق ئۇيغۇ بولمىسىمۇ، لېكىن جۇڭگو خەلقىدە باش قىشتا قىشنى تولۇقلاش ئۆرپ- ئادىتى بار. سوغۇق ھاۋادا، تەبىئىتى ئىسسىق ۋە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يىمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بەدەننى كۈچلەندۈرۈپلا قالماي، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاساسلىق ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا قوي گۆشى، بۆدۈنە ۋە دېڭىز ئادەمگىياھىنى ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك. ئاقسىل، ياغ ۋە كاربون سۇ بىرىكمىسى قاتارلىقلار ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدىغان ئوزۇقلۇق دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭلاشقا، قىش پەسىلىدە مۇۋاپىق مىقداردا ياغ ئىستىمال قىلىپ ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. قوي گۆشى، كالا گۆشى، توخو گۆشى، بۇغا گۆشى، راك، كەپتەر، بۆدۈنە، دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىق يىمەكلىكلەردە مول ئاقسىل ۋە ياغ بار بولۇپ، ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش مىقدارى يۇقۇرى، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمى ھەممىدىن ياخشى. تېمپراتۇرا تۆۋەنلىگەندە بەدەننىڭ بەزى يەرلىرى سوغۇققا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم. سوغۇق كېلىماتتا بەدەندىكى ۋېتامىن ۋە مىتابولىزىمدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C نى كۆپەيتكەندە سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە سوغۇققا ماسلىشىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى ھەمدە تومۇرلارنى قوغداش مەخسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ۋىتامىن A ئاساسلىقى ھايۋانات جىگىرى، سەۋزە، قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلاردا؛ ۋىتامىن C بولسا ئاساسلىقى يېڭى مېۋە ۋە كۆكتاتلاردا مول بولىدۇ. سوغۇق ھاۋا كىشىلەرنىڭ مىتئونىنغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. مېتىئونىن يۆتكىلىش رولى ئارقىلىق سوغۇق ھاۋاغا باب كېلىدىغان بىر قاتار زۆرۈر مېتىل بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا، قىشتا مېتئونىن كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن كۈنجۈت، گازىر، سۈت مەھسۇلاتى، يېئاست، يوپۇرماق تۈرىدىكى كۆكتاتلار قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى