قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غېنىجان ئىمىنلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-11-08 17:58:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

11-ئاينىڭ 8-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەخمۇتۇللا، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ كادىرى غېنىجان ئىمىنلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
ئابدۇشۈكۈر رەخمۇتۇللانىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىنىي ساھەدىكى زاتلارغا بولغان غەمخورلىقى، ئۈمىدى ۋە ھاۋالىسىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالماي، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، پەن- تېخنىكىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىمەن. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، توغرا ئېتىقاد، توغرا يول تۇتۇپ، جەزمەن قانۇن- نىزاملاردا رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۇلار تارقاتقان ئەسەبىي ئىدىيەگە رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەريانىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشقا يېتەكلەيمەن. ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ۋە ئىسلام دىنى قائىدىلىرىنى دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ روھى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھىيلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن قىزىل سىزىقىغا تەگمەي، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكلەيمەن.
غېنىجان ئىمىننىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: تور ئۇچۇر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەدەنىيەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي ساقلاپ، خاتا ئىدىيەنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى مەنبەدىن ئۈزۈل- كېسىل ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى پىكىر ياردىمى بىلەن تەمىن ئېتىمەن. تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، توردا ئۇچۇر تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، توردىن پايدىلىنىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىمەن. ئىلىم- پەننى ھۆرمەتلەش روھى، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇشنى پائال تەشۋىق قىلىمەن. قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئۆزەمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، دادىللىق بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى