قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەتىگەنلىك ناشتىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتا

2018-11-08 18:39:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ناشتا قىلىش.
ئەتىگەنلىك تاماقنى بەك بالدۇر يېگەندە، سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازان- ئۈچەينى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
2 . «سۈتكە تۇخۇم قوشۇپ ئىچىش» نى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىش.
نۇرغۇن كىشىلەر ناشتىلىقتا «سۈتكە تۇخۇم قوشۇپ يىيىش» نى ياقتۇرىدۇ. لېكىن، ناشتىلىقنى بۇنداق ماسلاشتۇرۇش ئىلمىي ئەمەس. ئەتىگەندە ئادەم بەدىنى تەركىبىدە مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان ناشتىلىققا تايىنىپ قايتىدىن ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ، سۈت ۋە تۇخۇمدا ئاقسىل ۋە ياغ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئادەم بەدىنىنى يېتەرلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. شۇڭا، بىر نەچچە پارچە بولكا، موما قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يېيىش كېرەك.
3. «پۇرچاق سۈتى بىلەن پىلتە قۇيماق» نى ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىش.
نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە «پۇرچاق سۈتى بىلەن پىلتە قۇيماق» نى ماسلاشتۇرۇپ يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، بۇ خىل يېيىش ئۇسۇلى ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق. چۈنكى، پىلتە قۇيماق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مايدا پىشۇرۇلغاچقا، ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىلتە قۇيماقنىڭ باشقا مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش ياغ تەركىبى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئەتىگىنى ئۇنى يېگەندە ئاسان ھەزىم بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرچاق سۈتىنىڭ تەركىبىدىمۇ ياغ بار بولۇپ، بۇ خىل ناشتىلىقنىڭ ياغ مىقدارى روشەن ھالدا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، پۇرچاق سۈتى بىلەن پىلتە قۇيماقنى بەزىدە بىر ۋاق يەپ قويسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
4. ناشتىلىق بەك مايلىق بولۇش.
نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، ئەتىگەنلىك تاماقتا يېمەكلىكنىڭ تۈرىنى كۆپرەك تاللاش كېرەك دەپ ئويلاپ، ئاقسىل، ئىسسىقلىق، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، مەسىلەن، پىشلاق، ھامبۇرگ بولكىسى، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ قانىتى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك قاتارلىقلار. لىكىن، بۇنداق يۇقىرى «ئوزۇقلۇق» تىكى ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ئاشقازان- ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.
ئەتىگەندە، ئادەم بەدىنىدىكى تال چارچاش ھالىتىدە  تۇرىدۇ. ئەگەر، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئېشىپ كەتسە ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش يۈكى ئېشىپ كېتىپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى ھەمدە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يىمەكلىك تالاسى يۇقىرى، ياغ تەركىبى ۋە قەنت مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن: ئۇماچ، سۈت، پۇرچاق سۈتى، چۆپ، چۆچۈرە قاتارلىقلار.
كۆپچىلىكنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىنى مۇۋاپىق تاللاپ، ياخشى يەپ، ساغلام بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى