قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ديەنبۇ دەرياسى ۋە كۆۋرۈك

2018-11-08 18:49:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ داۋدې

كىچىك شەھەر ديەنبۇ، جياڭخۇەي فېنشۇيلىندا بولۇپ، يۇرتىمىزنىڭ ناھىيە بازىرى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. بۇ كىچىك شەھەردە بىر چوڭ دەريا بار، ئۇنىڭ ئىسمى ديەنبۇ دەرياسى، كەڭلىكى تەخمىنەن 100 مېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ نەچچە ئون كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا شەھەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، نەنجۇ دەرياسىغا قىتىلىپ، ئاخىرى چاۋخۇ كۆلىگە قاراپ ئېقىپ چاڭجياڭ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ.
ديەنبۇ دەرياسى ئىلگىرى تار ھەم ئەگرى، دەريا يولى تېيىز ئىدى. ھەر يىلى ياز پەسلىدە كەلكۈن كېلىپ دەريا سۈيى تېشىپ كېتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى پۇقرالار كەلكۈن ئاپىتىنى يەتكۈچە تارتقان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت سۇ ساقلاپ سۇغىرىشنى چىقىش قىلىپ، چاۋجې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ كىرىپ، ناھىيە بويىچە خەلق ئىشچىلىرىنى بىرلەشمە جەڭ قىلىشقا تەشكىللەپ، دەريا قېنىنى كېڭەيتكەن ھەمدە تۈزلىگەن. كېيىن يەنە كۆپ يىل تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھازىر دەريا قېنى كەڭ، يوللىرى تۈز، قىرغاقلىرى يېشىل دەل- دەرەخ بىلەن قاپلانغان، ئېگىز كۆۋرۈكلەر سىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريانى ئايلاندۇرۇپ ياسالغان باغچا بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، ديەنبۇ دەرياسى خۇددى بىر ئۇزۇن قاشتېشى زەنجىرى كەبى شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بۇ دەريا توختىماي ئېقىپ، ئىككى قىرغاقتىكى پۇقرالارنى ئۈن- تىنسىز بېقىپ چوڭ قىلىپ، شەھەر مەدەنىيىتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
دەريا بىلەن كۆۋرۈك بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. چوڭ دەريا بولغانىكەن، مۇقەررەر ھالدا كۆۋۈرۈك ئىككى قىرغاقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. 30 نەچچە يىل ئىلگىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىدا قالغان، كىچىك شەھەردە ئاران نەچچە 10 مىڭ ئاھالە بولۇپ، يول قاتناش بېسىمى چوڭ ئەمەس ئىدى، ناھىيە بازىرى بىلەن ئۆلكە مەركىزىدىكى شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بىرلا تاشيول، دەريادا پەقەت بىرلا كۆۋرۈك بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ناھىيە بازىرىدىلا ديەنبۇ دەرياسىدىن ئۆتىدىغان بەش كۆۋرۈك رەت- رېتى بويىچە ياسىلىپ، ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
يامغۇر ياغمىسىلا، سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئولتۇراق رايوندىن ئۆتۈپ، دەريا بويىغا قاراپ يۈگۈرۈپ، ئۇدا بەش كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، تەر ئاققۇزۇپ قايتىپ كېلىمەن.
جېندۇڭ يولى كۆۋرۈكى چوڭ دەريانىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ياش كۆۋرۈك، پۈتۈپ ئىشلىتىلگىنىگە ئون يىل بولمىدى، ئۈچ سۆڭگۈچلۈك بولۇپ كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلىقى يۈز مېتىر، قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى بار. كۆۋرۈك گەۋدىسىنىڭ سالاسۇنى پۈتۈنلەي پولات چىۋىق ئىشلىتىلىپ سېمونت بىلەن ياسالغان، ئەمما ئۈستى ۋە ئاستى ئۈچ قەۋەتكە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى سېمونت تىرەك قويۇلغان بولۇپ، بەزىلىرى بولقا، بەزىلىرى  قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا قاپاق شەكلىدە بولۇپ، ھەر خىل رەڭلىك سالاسۇن ھاسىل قىلغان، يىراقتىن قارىسا، تام بىلەن قوپۇرۇلغاندەك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ كۆۋرۈك ناھىيە بىلەن ئۆلكە مەركىزىنى تۇتاشتۇرىدىغان، يۈك ئۆتكۈزۈش مىقدارى ئەڭ كۆپ لىنىيە بولۇپ، ئاپتوموبىللار كۈن بويى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.
شەرقتىكى چوڭ يول كۆۋرۈكى بويىدىكى تاش پەلەمپەيدىن چۈشۈپ، كەڭ، تۈز دەريا قەدىمى يولىنى بويلاپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئېقىۋاتقان سۇ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ئاستا- ئاستا جەنۇبقا قاراپ يۈگۈرۈپ، ناھايىتى تېزلا تاڭياڭ كۆۋرۈكىگە يېتىپ باردىم. بۇ كۆۋرۈك 1930- يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا پەقەت ياغاچتىن ياسالغان كىچىك كۆۋرۈك ئىكەن. 1986- يىلى كەڭلىكى ئاران بىر نەچچە مېتىر كېلىدىغان تاش كۆۋرۈك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، 2006- يىلى كېڭەيتىلىپ پولات چىۋىقلىق سېمونت كۆۋرۈك قىلىپ ياسالغان، جېندۇڭ يولىدىكى كۆۋرۈككە سېلىشتۇرغاندا، كۆۋرۈك يۈزىنىڭ كەڭلىكى تار، پەقەت قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىلا بار، لېكىن ئىككى تەرەپتىكى پىيادىلەر يولى ناھايىتى كەڭ، تەخمىنەن تۆت- بەش مېتىر كېلىدۇ. پىيادىلەر يولىنىڭ كەڭلىكى يېتەرلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي يولدىن تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر ئېگىز بولغاچقا، كەچتە تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ يايما ئورنىغا ئايلىنىپ، كەچلىك كۆچمە سودا كوچىسى شەكىللەنگەن.
تاڭياڭ كۆۋرۈكىدىن تۇڭجى كۆۋرۈكىگىچە بولغان ئارىلىق ئەڭ قىسقا بولۇپ، ئىككى- ئۈچ يۈز مېتىرلا كېلىدۇ. ئەمما، بۇ يەردىكى دەريا قېنى، تۇڭجى كۆۋرۈكى ئەڭ قەدىمى بولۇپ، بۇ دەريادىن ھالقىپ ئۆتىدىغان بارلىق كۆۋرۈكلەر ئىچىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك دېيىشكە بولىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كۆۋرۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ يىللىرىدا سېلىنغان بولۇپ، كۆپ قېتىم قايتا رېمونت قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭغا «تۇڭجى» دەپ ئىسىم قويۇلغان. دەسلەپتە سىلىنغاندا كۆۋرۈك يېنىدىكى تاشقا «توڭچى كۆۋرۈكىدە قىلسا ساياھەت سايەھەتچىلەر ھوزۇرلىنار باھار پەسلىدىن. دەريا بويىدا ئاتلار يايلايدۇ، ئون مىڭ كىشى ئۆتۈشۈپ بىمالال، ئەگىم كۆۋرۈك ئوخشاپ قالغان ھەسەن- ھۈسەنگە» دىگەن مەسنىۋى ئويۇلغان. تارىخىي ئۆزگۈرۈشلەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان، تۇڭجى كۆۋرۈكى-- دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سودا تېز گۈللىنىپ، نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى تېزلىشىپ، قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار كۆپەيگەچكە، كىچىك كۆۋرۈك ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمىدى. شۇڭا، 90- يىللاردا ئىككى ئاپتوموبىل يولى مۇستەھكەملەندى ھەمدە كېڭەيتىلدى. ئەمما 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، قاتناشنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىككى ئاپتوموبىل يولى قايتىدىن مۇستەھكەملەندى ھەمدە يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىلدى. ھازىر، ئۈچ كۆۋرۈك تۆشۈكىدىن ئۆتىدىغان، قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى كۆپەيتىلدى. كۆۋرۈكنىڭ سالاسۇنىغا داتلاشماس پولات ئىشلىتىلگەن بولۇپ، توغرا تۇساق كۈمۈش رەڭلىك پولات تۇرۇبا، جازىسى يېشىل رەڭدە سىرلانغان، پارقىراپ، كۈمۈش نۇرى چاقناپ تۇراتتى. پىيادىلەر دائىم كۆۋرۈك بويىدا توختاپ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالارغا نەزەر سالىدۇ.
پىيادىلەر يولىنى بويلاپ جەنۇبقا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر ماڭساق، باۋگۇڭ كۆۋرۈكىنى كۆرەلەيمىز. بۇ كۆۋرۈك يەنە جەنۇبىي ئايلانما يول كۆۋرۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆۋرۈك 1997- يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئىككى سۆڭگۈچلۈك، ئۈچ تۆشۈكلۈك كۆۋرۈك ئىدى، كۆۋرۈك يۈزىدە پەقەت قوش يۆنىلىشتىكى تۆت ئاپتوموبىل يولى بار ئىدى. كېيىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، 2012- يىلىنىڭ بېشىدا كېڭەيتىپ ياسالدى، بۇ قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى بولۇپ قالغان، بۇ ناھىيە بويىچە تۇنجى زامانىۋى ئاسما كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خېفېينىڭ شەرقىدىن شەھەر ئېغىزىغا بارىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك بولۇپ قالدى، يىراقتىن قارىغاندا ھەسەن- ھۈسەندەك جۇلالىنىپ تولىمۇ ھەيۋەتلىك، كۆركەم كۆرۈنىدۇ. بۇ زامانىۋى پۇراققا ئىگە چوڭ كۆۋرۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالار بىلەن بىرگە، بۇ كىچىك شەھەرنىڭ قىسقىغىنە 20، 30 يىلدا تېز قەد كۆتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك تۇراتتى.
باۋگۇڭ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبقا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، ئەڭ يېڭى ياسالغان شەھەر مەمۇرىيىتى يولى لۇڭچېڭ يولى بولۇپ، دەريا ھالقىپ سېلىنغان كۆۋرۈك لۇڭچېڭ يولى چوڭ كۆۋرۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چوڭ دەريادىكى بارلىق كۆۋرۈكلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياش كۆۋرۈك بولۇپ، 2015- يىلى رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. بۇ بىر يېڭى پولات چىۋىقلىق سېمونت كۆۋرۈك، كۆۋرۈكنىڭ كەڭلىكى سەككىز ئاپتوموبىل يولى بولۇپ، ئاساسلىق قوشۇمچە يوللار بويىچە ئايرىلغان. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولسا ئىككى تەرەپتىكى يول چىرىغى ۋە گۈللۈكى، 30 دانە يول چىرىغى خۇددى جەڭچىگە ئوخشاش كۆۋرۈك گۇندىسى ئۈستىدە ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئوتتۇز يۇمىلاق گۈللۈكنىڭ قىياپىتى شۇنچىلىك جەلۇپكار بولۇپ، خۇددى ھەر تەرەپكە قاتناۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنىڭ ئامان- ئېسەنلىكىنى ئۈمىد قىلغاندەك كۆرىنىدۇ.
ھەر كۈنى تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، كۆۋرۈكتىكى پانۇسلار تەكشى ياندۇرۇلۇپ، دەريادىكى ئەكسى خۇددى ھەسەن- ھۈسەن سۇ دولقۇنىغا ئوخشاپ كېتەتتى، مەيىن شامال چىققاندا، ئۇ نۇر ئېقىمىغا ئەگىشىپ، بەزىدە ئۇزىراپ، بەزىدە تەۋرىنىپ، كۆۋرۈكتىكى چىراغ نۇرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا، ئاجايىپ نۇر ھاسىل قىلاتتى. دەريا بىلەن كۆۋرۈك بۇ چىراغ نۇرىدا بىر- بىرىنى قۇچاقلىغاندەك كۆرۈنەتتى.
دەريا داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئاقماقتا، توختىماي ئېقىۋاتقان بۇ دەريانى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش ۋە تۈزەش جەريانىدا، ئىككى قىرغاقنىڭ ئېكولوگىيىسى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىندى. كىچىك شەھەر بارغانسېرى زورايماقتا، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ كىچىك شەھەرنىڭ نوپۇسى دەسلەپكى نەچچە ئون مىڭدىن 400 مىڭغا يېتىپ، ئۆلكە مەركىزىدىكى ئاساسلىق بۆلەككە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىياتنىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ئاستىدا، ئۇ يەنە داۋاملىق كېڭىيىشى مۇمكىن. لېكىن، چوڭ دەرياغا يانداشقان «سۇ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىش» تەك ئېكولوگىيەلىك ۋەزىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. بەلكىم كەلگۈسىدىكى دەريادا ئالتىنچى، يەتتىنچى ھەتتا تېخىمۇ كۆپ كۆۋرۈك بولۇشى مۇمكىن. ئۇلاردا جاۋجۇ كۆۋرۈكىنىڭ قەدىمىيلىكى، چاڭجياڭ دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ مەزمۇت ۋە ھەيۋەتلىكلىكى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بۇ يەردىكى ھەر بىر كۆۋرۈك كىچىك شەھەر تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىت بولۇپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلىمەكتە. بىر كۆۋرۈك سېلىنسا، بۇ قىرغاق بىلەن ئۇ قىرغاقنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى، قەلب ئالماشتۇرۇشى، تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەسەۋۋۇرى كۆپىيىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، بۇ دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىغا قاراڭ، بۈك- باراقسان باغچىلار رەڭدار تۈسكە كىرىپ، خۇش پۇراق چېچىپ تۇرماقتا، ئاۋات كوچىدا ئادەملەر دولقۇنى ئۆركەشلەپ ، ھاياتىي كۈچكە تولماقتا.
ديەنبۇدىن ئىبارەت بۇ كىچىك شەھەر دەريانىڭ ئوزۇقلاندۇرىشى بىلەن ھاللىق تۇرمۇشقا باشلايدىغان كۆۋرۈكنى بويلاپ يېڭى ئارزۇغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى