قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو كارتون فېلىملىرى ئۆز يولىدا مېڭىشى كېرەك

2018-11-08 18:51:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چيەن يۈندا

كارتون فىلىملىرىدە يېڭىلىق، قىزىقارلىق، گۈزەل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. يېڭىلىق بولۇش دىگىنىمىز، مەزمۇنى يېڭى بولۇش، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇش، خاسلىققا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ قىزىقارلىق بولۇش مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق بولىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر كارتون فېلىملىرىدە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ داۋلى سۆزلىسە ئۇنى كۆرىدىغان ئادەم قالمىسا كېرەك؛ گۈزەل بولۇش ھەرخىل ئۇسلۇپقا ئىگە بولىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، مەن چېخ كارتون فىلىم سىتۇدىيەسى ۋە ياغاچ قونچاق فىلىمى سىتۇدىيەسىدە پىراكتىكا قىلىپ، ئۇلارنىڭ فىلىم ئىجادىيىتىگە قاتناشتىم. كەسىپداشلار بىزنىڭ «تەكەببۇر گېنېرال» ناملىق كارتون فىلىمىمىزنى كۆردى. ئۇلار: «بۇمۇ ناھايىتى ياخشى، يۇمۇرلۇق ئىكەن، بىزدىن ئۆگەنمەڭ، بىز سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى تېزراق كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما، ئۇنىڭدا ئازراقمۇ چېخ پۇرىقى بولمىسۇن، سىز يەنىلا ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ نەرسىسىنى ئىجاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭ» دىدى.
بۇ ئەمەلىيەتتە شاڭخەي گۈزەل سەنئەت كىنو سىتۇدىيەسىنىڭ ئاڭلىق سەنئەت ئىستىكى ئىدى، پېشقەدەم زاۋۇت باشلىقى تې ۋېي بۇرۇنلا «مىللىي ئۇسلۇب ئۈستىدە ئىزدىنىش، كومېدىيە تۈسىنى ئېلىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆز ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ھەم قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق بولۇش، كۆپ خىل يولدا مېڭىشنى تەلەپ قىلغان. بۇمۇ مېنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىم. مەن ئىجاد قىلغان كارتون فىلىملەر كۆپ ئەمەس، ئەمما ھەربىر فىلىمدە جۇڭگو ئۇسلۇبى بولۇشىنى، باش تېما، گۈزەل سەنئەت شەكلىدىن ئىپادىلەش شەكلىگىچە ئوخشاش بولمىغان بولۇشىنى ھەم باشقىلارنى تەكرارلىماسلىقنى، ھەم يېڭىلىق يارىتىشنى ئارزۇ قىلدىم، بولمىسا سەنئەت ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
مەن گۈزەل- سەنئەت ئۇستىسى كې مىڭنى «قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكى» ناملىق كارتون فىلىم ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدىم. بۇ ھېكايىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، ئاساسىي تېمىسى توغرا بولۇپ، ئۇنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن قانداق قىلغاندا ئاساسىي تېمىنى ئاجىزلاشتۇرماي، ھەم قىزىقارلىق ھەم  يېڭىچە تۇيغۇغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ مەسىلەن: «سۇ»، ئىلگىرى سۇنى ئىپادىلەشتە سۇ دولقۇنى سىزىلاتتى. مەخسۇس ئالاھىدە ماھارەت ئىشلىتىلەتتى، بۇ قېتىم مەن ئىككى خىمىيىلىك تاختىغا يېرىم سۈزۈك ئىككى ئەگرى سىزىق سىزىپ، ئالدى- كەينىگە يۆتكىدىم، ناھايىتى جانلىق بولدى. يەنە مەسىلەن: «ئوت» نى ئالساق، قەغەز پارچىلىرىنى كەسكەندە ئادەتتە ھەربىر پارچە قەغەزگە ئوتنىڭ رەسىمى سىزىلاتتى، بۇ بەك ئاۋارىچىلىق ئىدى. مەن تېلېفون بوتكىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئەينەكنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلدىم، بۇنداق بولغاندا ئىچىدىكى ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەمما كۈن نۇرى ياخشى چۈشەتتى. ئوت بار كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالغاندا، بىز يالقۇننىڭ نۇسخىسىنى كېسىپ، ئىككى پارچە ئەينەكنى رەسىم ئالدىغا قويۇپ، ئەينەكنى توختىماي ئالدى- كەينىگە يۆتكەپ، ئوت يالقۇنى پەيدا قىلدۇق. بۇ ئىككى يېڭىلىق يارىتىش كۆرۈنۈشنىڭ بېزىلىشىنى كۈچەيتتى ھەم قىزىقارلىق بولدى.
مۇزىكىدىمۇ يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. «قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكى» نىڭ مۇزىكا ئىشلىگۈچىسى جاڭ دۇڭ ئىدى. دەسلەپتە ئۇ قىزىل ئارمىيەنى ئىپادىلەشتە ئارمىيە مارشىنى ئىشلەتسەكلا بولدى، دېگەنىدى. بىز بۇ قاراشقا قوشۇلمىدۇق. مارش ساداسى بىلەن كارتون فېلىمنىڭ يۇمۇرىنى ئىپادىلەش تەس، بىزگە كېرىكى «ليۇياڭ دەرياسى بىر ئەگىم دەريا» دېگەن ناخشىدەك خەلق ناخشىلىرىنىڭ پۇرىقى ئىدى. ئەتىسى سەھەردە، جاڭ دۇڭ بۇ فىلىمگە ئالاھىدە ماس كېلىدىغان مۇزىكىنى ئىشلەپ چىقتى. گۈزەل- سەنئەت ياكى ھەرىكەتلىك كارتون ھەركەتلىرى ۋە ياكى مۇزىكا بولسۇن، كۆپچىلىك ئىجادىيەت جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلسا، بۇ ئىجادىيەت كوللېكتىپىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى بولىدۇ، كۆپچىلىك غەيرەت بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلالايدۇ.
مەسىلەن: «بولۇمسىزنىڭ سەرگۈزەشتىسى» ناملىق كارتون فېلىمدە، ھېكايىدىن ئاساسلىق مۇزىكىغىچە، بالىلارنىڭ ھەممىسى بەك ياخشى كۆرىدۇ. «مۇكەممەل» شەخس ئوبرازى ئەينى چاغدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايتتى، ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى بالىلارمۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئەدەپ- قائىدىلىك ئىدى. بىز ئۆزگىچە، خاسلىققا، خارەكتىرىگە ئىگە، كەمچىلىكىمۇ بار بىر ئوبرازنى يارىتىش مەقسىتىدە، لىڭ شۇ يازغان «بولۇمسىزنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى» ناملىق ئەسىرىنى يادىمىزگە ئالدۇق. ئۇنىڭ سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە، يېرىمى ھەقىقىي ئارتىسى رول ئالغان، يېرىمى كارتوندا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۆزگىچە تەسىر قوزغىغان. رەسمىي قويۇلۇشتىن بۇرۇن بىز ئالدى بىلەن بىر توپ بالا تاماشىبىنلارنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. بالىلار بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال بولدى.
گۈزەل- سەنەت فىلىمى «ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز قۇلۇلىسى» ئەسلىدە ئۇستازىمىز ۋەن گۇيەننىڭ تەۋەررۈك ئەسىرى بولۇپ، ۋەن ئەپەندى سالامەتلىك سەۋەبىدىن، بىز بىر قانچە ياشلارنىڭ ئىشلىشىگە تاپشۇرغان ئىدى. بىز لىجياڭغا كېلىپ، بىر ياغاچ كېمىنى ھۆددىگە ئېلىپ، بەزىدە كەنتتە قوندۇق ياكى بىۋاستە كېمىدە ئۇخلىدۇق. بۇنداق بولغاندا كۆپچىلىك ئاستا- ئاستا كېمىدە تۇرمۇش كەچۈرگەندەك ھېسسىياتقا كىلەتتى. كۆپچىلىك كۈندۈزىمۇ كىچىسىمۇ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى يۇقۇرى ئىدى. ئىلگىرىكى قەغەز قىيمىلىق فېلىملەردە تېرە قونچاقلارنى ئىشلىتىپ باقمىغان، بىز «ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز قۇلۇلىسى» ناملىق فېلىمدە تۇنجى قېتىم قەغەز قىيما بىلەن تېرە قونچاقلارنى بىرلەشتۈردۇق. فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ئالدى بىلەن شەنشى فېڭشياڭ تېرە قونچاق ئويۇنى كۆرۈپ، تېرە قونچاق ئويۇنى ئويناشنى ئۆگەندى. ئىلگىرى قەغەز قىيمىلار بىر قەدەر قوپال ئىدى، ئۇ قېلىن قەغەز تاختىغا چوڭ پىچاق بىلەن ئويىلاتتى ياكى قايچا بىلەن كېسىلەتتى. «ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز قۇلۇلىسى» ناملىق فىلىم نەپىس ئىشلەندى. بىز خەقنىڭ تېرە قونچاقلىرىنى دوراپ موم تەخسە ياساپ، يەنە سائەتنىڭ پۇرژىنىسى ئارقىلىق مىكرو پىچاق ياسىدۇق، مىكرو پىچاقتا ناھايىتى ئىنچىكە سىزىقلارنى چىقارغىلى بولاتتى، فىلىمدىكى دېڭىز قۇلۇلىسى قىزنىڭ يوپكىسى مانا مۇشۇنداق پىچاق بىلەن ئىنچىكە ئويۇلغان. يېڭى تېخنىكا بارلىققا كەلدى، ئەمدى ئامال قىلىپ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ۋە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىش كېرەك. مانا بۇ ئىجادىيەت، بولمىسا كۆپچىلىك بۇنى رېژىسسور ئۈچۈن قىلغان، ئىجادىيەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
كارتون فىلىم بىر ئۇنىۋېرسال سەنئەت بولۇپ، گۈزەل سەنئەت، ئويۇن، مۇزىكا، ئاۋاز بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «ساماۋى كىتاب ھەققىدە غەلىتە پاراڭ» نىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىقا ئېرىشىشى، بىرنەچچە پېشقەدەم ئاۋاز بەرگۈچى ئارتىسنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەسىلەن: ساۋ لېي كىچىك پادىشاھقا، دىڭ جيەنخۇا دەن شېڭغا ئاۋاز بەرگەن. ئاۋازى ئوبرازلىق ۋە ھېسسىياتلىق بولغان. بۇ فىلىمنىڭ ئوبراز لايىھىلىگۈچىسى كې مىڭ ئىدى. كې مىڭ كۆپنى كۆرگەن، بولۇپمۇ خەلق سەنئىتىگە ھېرىسمەن ئىدى. «ساماۋى كىتاب ھەققىدە غەلىتە پاراڭ» ناملىق فېلىمدىكى ھەر خىل پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشى بۇ خىل مول تەسەۋۋۇرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كىچىك پادىشاھ ئەل ئويۇنچۇقلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىنىپ ياسالغان، ئۈچ تۈلكە شىچۈي تىياتىرىدىكى يۈز گىرىمى قاتارلىق سەنئەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىپ لايىھەلەنگەن. بۇ خىل بىرلەشتۈرۈش ئىجادىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. پېشقەدەم سىتۇدىيە باشلىقى تې ۋېينىڭ سەنئەت جەھەتتىكى بىلىمى مول بولۇپ، ئۇ ھەجۋىي رەسىم سىزىشقا، يەنە ئىنچىكە ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ سۇ بوياق كارتون فىلىمى «كىچىك قۇمچاقنىڭ ئانىسىنى ئىزدىشى» دە ئانا بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن؛ «نەي» دە ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ تولىمۇ ئىقتىدارلىق.
كارتون فىلىمنىڭ ئالاھىدىلىكى زادى نېمە؟ مەن سېنارىست شې تيەنئاۋنىڭ: «كارتون فىلىملىرىدە يېڭىلىق، قىزىقارلىق، گۈزەل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، يېڭىلىق بولۇش دىگىنىمىز، مەزمۇنى يېڭى بولۇش، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان، خاسلىققا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ قىزىقارلىق بولۇش مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق بولۇش دىگەنلىك. ئەگەر، كارتون فېلىملىرىدە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ داۋلى سۆزلىسە ئۇنى كۆرىدىغان ئادەم قالمىسا كېرەك؛ گۈزەل بولۇش ھەرخىل ئۇسلۇپقا ئىگە بولىشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن خۇلاسە سۆزىنى قوللايمەن.
جۇڭگونىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى، ئېستېتىك قىزىقىشى ۋە ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولسا، ئۆزگىچە، قىزىقارلىق، گۈزەللىك ئارىسىدىكى تىنچ ئېقىم. شاڭخەي گۈزەل- سەنئەت كىنو ستۇدىيىسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر كارتون دۇنياسىدىكى سىياھ جۇڭگو، قەغەز قىيما جۇڭگونى بىرلىكتە بارلىققا كەلتۈردى. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كارتون فېلىملىرىنىڭ جۇڭگو ئۇسلۇبىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە مەزمۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، بارغانسىرى موللىشىشىغا ئىشىنىمىز.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى