قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خوتۇۋجىن يەنى يولۋاس شەكىللىك ياستۇق

2018-11-08 18:58:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«ئوماق قوزام، يىغلىماڭ، سىزگە بىر تال لاتا يولۋاس ئېلىپ بېرەي، كۈندۈزى ئۇنىڭ بىلەن ئويناڭ، كېچىسى ئۇنىڭ بىلەن قورقۇنۇشلۇق «ماخۇ»نى قورقۇتۇڭ». ئاتا- ئانىلار بۇرۇن بالىلىرىغا دائىم مۇشۇنداق گەپلەرنى دەيتتى.
ئىلگىرى خۇتوۋجىن 虎头枕 يەنى يولۋاس شەكىللىك ياستۇق تىلغا ئېلىنسا، ئۇنى ھەممە ئادەم بىلەتتى، ئۇ ھەر بىر ئۆيدىكى كىچىك بالىلارنىڭ زۆرۈر بۇيۇمى ئىدى. دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، گۈزەل تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ ئەنئەنىۋى قول- ھۈنەر بۇيۇملىرى بىزدىن تەدرىجىي يىراقلاپ كەتتى. بۈگۈن بىز خۇتوۋجىن يەنى يولۋاس شەكىللىك ياستۇق توغرىسىدا توختىلىمىز.
خۇتوۋجىن يەنى يولۋاس شەكىللىك ياستۇقنى ياساش ئەل ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى قول- ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئېلىمىز ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. بۇ ياستۇقنىڭ شەكلى يولۋاسنىڭ شەكلىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، تىكىلىشى سىپتا، بېزەكلىرى نەپىس، شەكلى كۆركەم. بالىلار ئۇخلىغاندا ئۇنى ياستۇق قىلىپ ئىشلىتىدۇ، ئويغانغاندا ئۇنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئوينايدۇ. ئۇ بالىلارغا كۈچلۈك جاسارەت ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى، يولۋاس «ھايۋاناتلار پادىشاھى» دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر يولۋاس شەكىللىك ياستۇقنى قۇت بەلگىسى، دەپ ھۆرمەتلەپ كەلگەن. ئۇنىڭدا بالىلارنىڭ ئامان- ئېسەن، ساغلام چوڭ بولسۇن، يولۋاستەك كۈچلۈك باتۇر بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۇن دېگەندەك مەنىلىرى بار. ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مەنسى: بالىلارنىڭ يولۋاسقا ئوخشاش قەيسەر ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، جانلىق، شوخ، ئەركىن تۇرمۇشقا ئىگە بولۇش ئۈمىد قىلىنغان، «يولۋاستەك ياشا» دېگەن تەمسىلمۇ شۇنىڭدىن كەلگەن.
«ئۆرپ ـ ئادەت ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېگەن: «يولۋاس-- تۈرلۈك ھايۋاناتلارنىڭ باشلىقى، ئۇ جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئالۋاستىلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ». شۇڭا، ئەل ئىچىدە يولۋاسنى دائىم بالىلارنىڭ قوغدىغۇچىسى، دەپ قارايدۇ.
بايا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، يولۋاس شەكىللىك ياستۇق ھەم بالىلارنىڭ ياستۇقى ھەم ئۇلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولالايدۇ. بالىلار ئۇنى ھەر قېتىم ئويناپ قانغاندىن كىيىن، ئۇنى قۇچاقلاپ ياكى ياستۇق قىلىپلا، شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدۇ، بالىلار ئويغانغاندا، يولۋاسنىڭ يېنىدا كېچە- كۈندۈز ئۆزىنى قوغداۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يولۋاس دۇنيادىكى بارلىق ھايۋاناتلارنىڭ ھۆكۈمرانى، دەپ قارىلىدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يولۋاسنىڭ رەسىمىنى ئىشىكلەرگە سىزىپ، ئۆزىنى ئاپەتتىن قوغداش ئادىتى بولغان. يولۋاس شەكىللىك ياستۇق جۇڭگونىڭ خەلق ئارىسىدىكى كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ بىر خىلى. ئۇنى تىكىش ئۇسۇلى ياستۇق تىكىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشايدۇ، ياستۇقنىڭ شەكلى يولۋاسنىڭ شەكلىگە تەقلىد قىلىپ ياسىلىدۇ. بۇ ياستۇقلارنىڭ تىكىلىشى سىپتا، شەكلى ئۆزگىچە.
يولۋاس شەكىللىك ياستۇقلارنىڭ قوش باشلىق يولۋاس رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ياستۇق، ئادەم يۈزلۈك يولۋاس رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ياستۇق، بېشى يولۋاس ئايىغى بېلىق قۇيرۇقى رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ياستۇق قاتارلىق تۈرلىرى بار، بۇلار بەخت- سائادەت، ئامانلىق تىلەش مەنىلىرگە ئىگە.
ئادەتتە بالا بىر ئايلىق بولغاندا، ئۇنىڭ ھاممىسى بالىلارغا يولۋاس شەكىللىك ئاياغ، يولۋاس شەكىللىك كىيىم، يولۋاس شەكىللىك ياستۇق، قورساق ياپقۇچ، يولۋاس قونچاق قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىپ، بالىلار ئۈچۈن بالا- قازالارنى يوقىتىپ، بالىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.يولۋاس سۈرەتلىك ياستۇقنىڭ ياسىلىشى ئىنتايىن سىپتا بولۇپ، يولۋاس شەكلىمۇ كۆپ خىل. ئۇنىڭ قىزىل يىپتا  «ئەجدىھا باشلىق»كەشتىلەنگەن شەكلى، يېشىل يىپتا «سۇمۇرغ باشلىق» كەشتىلەنگەن شەكلى، قارا يىپتا «مۈشۈك باشلىق» قىلىپ كەشتىلەنگەن شەكلى، يەنە «شىر باشلىق» شەكلى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ شەكلى گۈزەل ھەم جانلىق. گەرچە، ئۇنىڭ شەكىللىرى مۇبالىغە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى راستقا ئوخشىتىپ ياسالغان، رەڭگى كۆركەم، ھەم چاكىنا ئەمەس، چىرايلىق ھەم يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى