قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولىنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 173 كىلومىتىر كىلىدىغان 2- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى باشلاندى

2018-11-08 19:08:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 1- باسقۇچلۇق رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇش 2- باسقۇچلۇق رېلىس ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىردى.
يېقىندا، چۆچەك تيېچاڭگۇ بازىرىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، رېلىس ياتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ 25 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قاتار رېلىسنى قويىشى بىلەن، قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولىنىڭ 1- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، شۇنداقلا 2ـ باسقۇچلۇق رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولىدا 1- باسقۇچلۇق رېلىس ياتقۇزۇش باشلانغان، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قاراماي بەيكوۋچۈەندىن چۆچەك تيېچاڭگۇ بازىرىغا ھەر كۈنى ئۈچ كىلومىتىرلىق رېلىس ياتقۇزۇش سۈرئىتى بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككى ئايدا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. ئىككىنچى باسقۇچلۇق تيېچاڭگۇ بازىرىدىن چۆچەك شەھىرىگىچە بولغان لىنىيەنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 173 كىلومېتىردىن ئۇزۇنراق بولۇپ، ھازىرقى رېلىس ياتقۇزۇش سۈرئىتى شۇنداقلا قىش پەسلىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ھاۋا رايى تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىدىن قارىغاندا، 2- باسقۇچلۇق رېلىس ياتقۇزۇش كېلەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تاماملىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، قاراماي- چۆچەك تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 272 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 4 مىليارد 669 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ قۇرۇلۇش 2014- يىلى 4- ئايدا باشلانغان، پۈتۈن لىنىيەدە كېلەر يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن قاتناش باشلاش پىلانلانغان. بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چۆچەككە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى