قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك 9 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى

2018-11-08 19:10:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن قاتارلىق 5 ئۆلكىدىن كەلگەن دۆلەت دەرىجىلىك توققۇز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ مەسئۇلى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدە ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، كەلگۈسىدە رايون ھالقىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، رايون ھالقىغان ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھەر قايسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ كۆلىمى كەڭ، ئالاقىدار چارلىغۇچى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى چوڭ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تەننەرخى، قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخەي كۆكشىل، ئۈچ دەريا مەنبەسى، شىزاڭ چياڭتاڭ، جۇمۇلاڭما چوققىسى ھەمدە شىنجاڭ ئالتۇن تاغدىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك 5 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا رايون ئېكولوگىيەسىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەگە ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە خېلى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
چىڭخەي- شىنجاڭ- شىزاڭ ئۈچ ئۆلكە ئاپتونوم رايون ئىلگىرى قۇرغان ئېكولوگىيەلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلىشى، مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچىۋەن، ئەننەنبا ياۋا تۆگىسى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ بەيما قارلىق تېغى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ چىڭخەي كۆلى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك 4 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى يېقىندا ئىتتىپاققا كىرگۈزۈلدى، ئىتتىپاق رايون ھالقىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، رايون ھالقىغان ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، رايون ھالقىغان تاسادىپىي ئېكولوگىيە ۋەقەلىرىدىن بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش، رايون ھالقىپ بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى