قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆكتوقاي خەلقئارالىق قار تېيىلىش مەيدانىدا مۇشۇ ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ قار تېيىلىش باشلىنىدۇ

2018-11-08 19:11:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى «تۇنجى قېتىم قار تېيىلىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، زەنجىر تاپانلىق قار تېيىلىش ماشىنىسى، قار تېيىلىش موتسىكلىتى قاتارلىقلارنىڭ 11- ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ 1- نومۇرلۇق قار تېيىلىش يولى ــــ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ «تەلىپىگە يېتىش ئەڭ تەس بولغان» ئېگىز تاغدىن سىيرىلىپ چۈشۈش تۈرىنىڭ مەيدان تەلىپىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇزۇنلۇقى 4.5 كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قار تېيىلىش مەيدانى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا «غالىپلار يولى» دەپ نام بېرىلگەن. كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3 مىڭ 100 مېتىر، ئەڭ تۆۋەن يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1 مىڭ 900 مېتىر بولۇپ، ئەڭ چوڭ پەرقى 1 مىڭ 200 مېتىر كېلىدۇ، سىيرىلىش ئۇزۇنلۇقى 9.5 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاممىۋىي ساياھەت قار تېيىلىش يولى بولغاچقا، ئۇنىڭغا «نۇرلۇق يول» دەپ نام بېرىلگەن.
نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى كەسپىي قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىغا ئېرىشەلەيدۇ: بۇ يەر ناھايىتى كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن خەلقئارا مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلاپ، ئېگىز تاغدىن سىيرىلىپ چۈشۈش، ئېگىز تاغنى ئالاھىدە چوڭ ئايلىنىش، ئېگىز تاغنى چوڭ ئايلىنىش، ئېگىز تاغنى ئايلىنىش، ئېگىز تاغ پاراللېل مۇسابىقىسى، ئېگىز تاغ كوللېكتىپ مۇسابىقىسى، ئېگىز تاغ تولۇق ئىقتىدارلىق مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ياخشى جاي بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتىكى ئاممىۋىي قار تېيىلىدىغانلارغا نىسبەتەنمۇ، كۆكتوقايغا كېلىپ قار تېيىلىش بىر خىل ئاجايىپ گۈزەل ئىش ھېسابلىنىدۇ: بۇ قار تېيىلىش مەيدانى كېلەر يىلى تۆت ئاسما ۋاگون سېلىشنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە قار تىيىلغىلى كەلگەنلەرنىڭ تاغ چوققىسىغا چىقىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تېجەش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئاسما ۋاگوندا ئولتۇرۇپ كۆكتوقاينىڭ قىشلىق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش شارائىتىنى ھازىرلاپ بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى تۆۋەن، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇپ جەمئىي 43 قار تېيىلىش يولىنى پىلانلىغان، يەتتە تۇتاشتۇرۇش يولى، 2 تۆۋەن دەرىجىلىك يول، 8 ئوتتۇرا دەرىجىلىك يول، 26 يۇقىرى دەرىجىلىك يولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، قار تېيىلىش يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 58 كىلومېتىر بولۇپ، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئەڭ زور سىغدۇرۇشچانلىقى 23 مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن. پىلانغا ئاساسەن، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قارلىق تۈر مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى