قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى ۋېي مەھەللىلەرگە، مەكتەپلەرگە بېرىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن- تۈزۈم تەشۋىقاتى ئىشلەپ، مەدەنىي يول يۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى

2018-11-09 13:11:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى لى ۋېي ئۇزۇندىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قاتناش پىروگراممىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ كەلدى. يەنە مەھەللىلەرگە، مەكتەپلەرگە بېرىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن- تۈزۈم تەشۋىقاتى ئىشلەپ، مەدەنىي يول يۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.  
لى ۋېي ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولغاچقا، گەپ قىلغاندا ئازراق شىنجاڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ. كۆپچىلىك سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنى «قوللىغۇچى ئاكا» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئادەتتە پىروگراممىدا بىخەتەرلىك دەرسى سۆزلىگەندە، «قوللاش» دېگەن سۆزنى دائىم قوللىنىمەن. شۇڭا، كۆپچىلىك مېنى «قوللىغۇچى ئاكا» دېيىشىدۇ. مەن كونا شىنجاڭلىق بولغاچقا، گەپ قىلغاندا شىنجاڭ تەلەپپۇزۇم ئېغىر، شۇڭلاشقىمىكىن كەڭ ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ۋە كۆرۈرمەنلىرىمىزگە يېقىپ قاپتىمەن.
1981- يىلى تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن لى ۋېي ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جەمئىيەتتىن خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، قاتناش ساقچىسى بولغانىدى. يول قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تەشۋىق- تەربىيە ئىشلەش قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ خىزمىتى ئىدى. ئۇ ھەممىنى قىلىپ باقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىزمەتنى ئىشلەش جەريانىدا، تەشۋىق- تەربى‍‍يەنىڭ ئەڭ م‍‍ەن‍‍بەلىك خىزمەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ت‍‍ەشۋىقات ياخشى ئىشلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭى ئۆسسە، قاتناش ق‍‍ائىدىسىگە خ‍‍ىلاپلىق ق‍‍ىلىش ئازىيىدۇ، ۋەق‍‍ەلەرمۇ تەبىئىيلا ئ‍‍ازىيىدۇ.
تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل لى ۋېي تەۋەلىك رايونىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەچكە، باشقىلار ھەمىشە باشقا خىزمەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قوياتتى. مەسىلەن: مەكتەپلەرگە بېرىپ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەتىل قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان بىلەن توقۇنۇشۇپ قالاتتى. بەزى ۋاقىتتا بۇ خىزمەتنى ئىشلىگىلى بولماي، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشقا توغرا كېلەتتى.
كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللار يىلسېرى كۆپەيدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىمۇ تەدرىجىي ئۆستى. مەكتەپ، مەھەللە ۋە كارخانىلار لى ۋېينى قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى. لى ۋېيمۇ دەرسنى قىزىقارلىق ئۆتۈش ئۇسلۇبى ئۈستىدە ئىزدەندى. 2008- يىلى لى ۋېي ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقە قىلىدىغان قاتناش ساقچىسىغا ئايلاندى ھەمدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات پىروگراممىسىنىڭ ئون نەچچە سانىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى ۋېي پىروگرامما ئىشلىگەندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئىجادىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈش تىپىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27- باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئۇ مەكتەپكە ئامال قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا «نومۇر خاتىرىلەش دەپتىرى» تارقىتىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 27- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بالىلار يولدىن ئۆتكەندە، نومۇر خاتىرىلەش دەپتىرىنى ئېلىپ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلار قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، يولنى توغرا كېسىپ ئۆتىدىغان يەردىكى ئالا بەلگە، پىيادىلەر يولىدا، كۆتۈرمە كۆۋرۈكتە ماڭماي، يولنى خالىغانچە كېسىپ ئۆتسە، بەلگە ئۇرۇپ قويىمىز. مۇشۇنداق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قائىدە- تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋاتىمىز.
ساقچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان 37 يىلدا، لى ۋېي نەچچە مىڭ مەكتەپ، مەھەللە ۋە كارخانىغا بېرىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، شۇنداقلا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھىس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يولدا بىر شوپۇرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى جازالىغان ۋاقتىمدا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى شوپۇرغا يان بېسىپ، ماڭا «ساقچى، بولدى قىلىڭ، پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، بىر ئېغىز گەپ بىلەن 100، 200 يۈەن ئالىسىز، كېلەر قېتىم ئۇ دېققەت قىلسىلا بولمىدىمۇ» دېگەنىدى. ھازىر بەزى نۇقتىلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، ئامما بۇنداق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ شەھەر قاتنىشىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ھىس قىلىشتى، بەزىلەر ھەتتا «بۇنداق قىلمىشلارنى چوقۇم جازالاش كېرەك» دېيىشىدىغان بولدى.
پېنسىيىگە چىقىشقا ئاز قالغان لى ۋېينىڭ ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنى ئىزباسار يېتىشتۈرۈش بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن 30 نەچچە يىللىق تەجرىبەمنى ئۆگىتىپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تۈرلۈك كەسىپلىرىنى پىششىق بىلدۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش ماھارىتىنى ئىگىلىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مايىل، كەسىپكە پىششىق، ئامما ياخشى كۆرىدىغان قاتناش ساقچىلىرىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى