قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەنۋەر مەخسۇملارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-11-09 13:13:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

11-ئاينىڭ 9-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتكا جامىئەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى ئەنۋەر مەخسۇملارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
مەمەت جۈمەنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئۇزاقتىن بۇيان، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈشى؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئاممىنىڭ باياشات تۇرمۇشى؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالىمىدى. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپ سىياسىتىگە ھەدەپ ھۇجۇم قىلدى، تۆھمەت چاپلىدى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. مەن مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مەخسۇس جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگەن نۇرغۇن چەت ئەللىكنى كۆردۈم. ئۇلار دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولغاچقا، ناھايىتى تەسىرلەندىم ۋە تەربىيە ئالدىم. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيمەن. «قالايمىقانچىلىق ۋە نامراتلىقنىڭ يىلتىزى» نى چېپىپ تاشلاپ، گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.   
ئەنۋەر مەخسۇمنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقى، رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرىمەن. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە چېچىپ، ئاممىنى پارتىيەگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى