قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولايلى

2018-11-09 15:58:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يۇتۇۋېلىش، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلەر ھەممىنى يېۋىتىش ماڭغانسېرى تارىيىدىغان بىر تۇيۇق يول. سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا ماڭغانسېرى كېڭىيىدىغان ئىنسانىيەت توغرا يولى. 

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇشى، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشىغا توغرا يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بېرىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغىدى. 

 «يېگانە گۈل ئاچسا پورەك، بەرمەس باھاردىن دېرەك، تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچقاندا پورەك». بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۈگۈنكى دۇنيادا، ماددىي تېخنىكا سەۋىيەسى تەرەققىي قىلىپ قەدىمكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ھېلىھەم ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، دۇنيادىكى يەنە نۇرغۇن دۆلەتتە خەلقنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا كۈنسايىن بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۆزئارا كۈچ سىنىشىش، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلەر ھەممىنى يېۋىتىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش كونا لوگىكىغا داۋاملىق ئەمەل قىلساق، ئەگەر بىر- بىرىگە ئورا كولاش، بىر- بىرىگە توسۇق پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش كونا ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللانساق، ئاقىۋەتتە مۇقەررەر باشقىلارنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىنى ئېتىپ، ئۆز تەرەققىياتىمىزنىڭ يىلتىزىنى چىرىتىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە زىيان يەتكۈزىمىز. دەل رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ سىجىل ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىش، بېكىنمىچىلىك قىلماسلىق، ھەمكارلىشىش، قارشىلاشماسلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش، يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىقتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك». پەقەت سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولغان، نۇرغۇن دۆلەت خەلقلىرى ھېلىھەم دۇچ كېلىۋاتقان نامراتلىق، قالاقلىقنى ئورتاق تۈگەتكەن، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارغا يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ بەرگەندىلا، ئاندىن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مەنپەئەتلەندۈرگىلى، ھەممە كىشىنى باياشات، خاتىرجەم، ساغلام تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈرگىلى بولىدۇ. 

 سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ئېچىۋېتىشلا تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ، ھەمكارلىشىشلا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاش- تولۇقلىماسلىق، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش- قىلماسلىق ئېھتىياجى بويىچە يىلتىز تارتىدۇ. خەلقئارا ئىقتىساد- سودىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، «ئېچىۋېتىش ئورتاق ئىلگىرىلەشكە باشلايدۇ، بېكىنمىچىلىك ھەممىنى چېكىندۈرىدۇ» دېگەن بۇ قانۇنىيەتنى چوڭقۇر دەلىللىگەن. ھەرقايسى دۆلەتلەر توسۇقلارنى يوقىتىپ ۋە ئازايتىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتسە، خەلقئارا ئىقتىساد- سودىنىڭ تومۇرى تولۇق راۋانلىشىدۇ؛ ئەگەر بىر- بىرىگە توسۇق پەيدا قىلىپ، مەنمەنچىلىك، بېكىنمىچىلىك قىلسا، خەلقئارا ئىقتىساد- سودىنىڭ تومۇرلىرى توسۇلىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىمۇ قىيىنلىشىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىلگەن سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قۇرىدىكەن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. 

 سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى خەلققە بەخت يارىتىش، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈش تەرەققىيات قارىشى ۋە ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئاندىن تەرەققىياتنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ قىلغىلى، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تېخىمۇ تەكشى قىلغىلى، ھەممە كىشىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسى تەتۈر شامالغا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى يېتەرلىك ئەمەس. ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈش، گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ زور جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، ھەرقايسى دۆلەتلەر پەرق ۋە ئىختىلاپتىن ھالقىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى، 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشى كېرەك. 

 «كەڭ قورساق، سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا زورىيىش بولىدۇ». ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجادچان، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىكەنمىز، جەزمەن ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز. 

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى