قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ 5- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018-11-09 16:00:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى. 11- ئاينىڭ 7- كۈنى 5- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى جېجياڭنىڭ ۋۇجېندا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا بىر مەيدان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىلىرىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى تېخىمۇ زىچ باغلاندى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش بىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىمىزگە، دۇنياۋى ئالاقە تورى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىزغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، دۇچ كېلىۋاتقان رېئال خىرىس ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ئوخشاش، تور بىخەتەرلىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەنپەئىتى ئوخشاش، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ئېھتىياجى ئوخشاش. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان يولنى تېپىپ چىقىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشى كېرەك.  

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىدا «ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان رەقەملىك دۇنيا− تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» باش تېما قىلىنغان. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ رەقەملىشىش تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل رەقەملەشكەن دۇنيا بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى