قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئەل قەلبىنى ئۇتقانلار

2018-11-09 18:40:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۈنەس ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئامما بىلەن قەلبداش بولۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.
يېقىندىن بۇيان ھاۋا سوۋۇپ كەتتى. كۈنەس ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئالمىلىق بازىرىنىڭ ئالمىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ توپلاپ كۆمۈر سېتىۋېلىپ، قىيىنچىلىقى بار 60 ئائىلىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. ئالمىلىق كەنتىدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئاھالە مۆلدۈر تويبولدى مۇنداق دېدى: ھاۋا سوۋۇپ كەتتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋاختىدا كۆمۈر ئەكىلىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە رەھمەت.
ئالمىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى فېڭ جيەن مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلارنىڭ قىشتىكى ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىمىز ۋە كەنت ئاھالىلار كومىتېتى 60 توننا كۆمۈر سېتىۋېلىپ، ھەر بىر ئائىلىگە بىر توننىدىن يەتكۈزۈپ بەردۇق.
بۇ مەزگىلدە، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كەڭسۇ بازىرى قۇر ئۆزەك كەنتىدىكى دېھقان گۈلجان ھەسەنباي يولدىشى بىلەن بىرلىكتە، ئۆيىنى بېزەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردى. بىز 28 مىڭ 500 يۈەنلىك ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدۇق. يولدىشىم يازدا مال بېقىپ، قىشتا بورداقچىلىق قىلىدۇ. مېنىڭمۇ بىكار ئولتۇرغۇم كەلمەي، كەنتتە كىچىك دۇكان ئېچىپ ئائىلە كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇم. ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ بېيىش يولىغا قاراپ ماڭىمىز.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، قۇر ئۆزەك كەنتى يېڭىدىن 22 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىشنى بېكىتتى. كۈنەس ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پىلانلاش، ئېلېكتىر ئېنىرگىيە، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي جياڭتاۋ مۇنداق دېدى: «9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھەممە ئۆي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. نامرات ئامما ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى».
كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تالدى بازىرى چاپقى ياقىسى كەنتىدىكى ۋۇ چۈەنخې يېڭىدىن قاتتىقلاشتۇرۇلغان كەنت يولىدا كېتىۋېتىپ خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى توپا يولدا، يامغۇر ياغسىلا ماڭغىلى بولمايتتى. موتوسىكلىت بىلەن ماڭساقمۇ ئاسان يىقىلىپ چۈشەتتۇق. يامغۇر ياغمىغاندا بولسا، ھەممە يەرنى توپا- چاڭ بېسىپ كېتەتتى. ھازىر يول ياخشىلىنىپ، ئاپتوموبىلمۇ، موتسىكلىتمۇ ماڭالايدىغان بولدى. بولۇپمۇ، يول چىرىغى ئورنىتىلغاندىن كېيىن كەچتە چىراقلار يورۇپ، سىرتقا چىقساقمۇ قورقمايدىغان بولدۇق. تالدى بازىرى چاپقى ياقىسى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى باۋ دەيشيەن كەنت يولىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كەنتنىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتۇق. كېلەر يىلى ئەتىيازدا گۈل- گىياھ سېتىۋېلىپ، ھەر بىر ئائىلىگە تارقىتىپ بېرىمىز. دەرۋازا ئالدىدىكى تۆمۈر رېشاتكا ئىچىدە گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈپ، كەنتنى باغچا شەكىللىك كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى