قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياخشى ئاكا -ئۇكىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك

2018-11-09 18:42:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

20 يىل ئىلگىرى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى ئۇلاسىتا بۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى تيەن خەيچېڭ بولات بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇلار بىر - بىرىنى ئاكا، ئۇكا دەپ ئاتىشىپ كەلدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئىشى بولسا بار مەسلىھەت قىلىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە زىممىسىگە ئېلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
بولات چارۋىچى بولۇپ، ھەر يىلى كۈزدە قويلىرىنى ئېتىزلىققا ھەيدەپ ئاپىرىپ باقاتتى. 1998  يىلى، بولات تيەن خەيچېڭنىڭ ئېتىزىدىكى كۆممىقوناقنى تولۇق يىغىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، قويلىرىنى ئۇنىڭ ئېتىزىغا ھەيدەپ باردى. ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ، بولاتنىڭ تىككەن چېدىرى سوغۇققا دال بولالماي قالغاندا، تيەن خەيچېڭ ئۇنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆيىدە تۇرغۇزدى، تيەن خەيچېڭ يەنە بولاتنىڭ مال بېقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ چارۋا مال باقىدىغان يېرىنى بولاتقا ھەقسىز بېرىپ تۇردى.
- تيەن ئاكام ماڭا بۇنداق ياردەم قىلغان تۇرسا، مەنمۇ ياردەم قىلىشىم كېرەكتە. بولات مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئائىلىمىزدىكىلەر تيەن خەيچېڭنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىمىز».
- ئىلگىرى قىشلاقتا مال باققىنىمدا، قار ياغسىلا، ئوت- چۆپ قالمايتتى، تيەن ئاكامغا تېلېفون قىلسام، ئۇ دەرھال ماڭا تىراكتوردا چۆپ ئەكىلىپ بېرەتتى، - دېدى بولات. مەيلى كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسۇن، تيەن خەيچېڭ بىلەن بولات قىلچە ئىككىلەنمەستىن ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، دائىم كۆڭلىدە بىر- بىرىنى ياد ئېتىدىغان بولۇشتى.بىر يىلى قىشتا، بولات تاغدا مال بېقىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىپ، بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىدىغان بولۇپ قالدى. بولاتنىڭ قىزى گۈلزار بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ، دەرھال تيەن دادىسىغا تېلېفون قىلدى. تيەن خەيچېڭ ناھايىتى تېزلا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېلىپ بولاتنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
بولات ئائىلىسىدىكىلەر شويىڭپەن بازىرىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چارۋىچىلىق رايونىدا تۇرىدۇ. گۈلزار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندا ئۆيىگە قايتىش قولايسىز بولغاچقا، تيەن خەيچېڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. گۈلزار ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مەن ئۇدۇللا تيەن دادامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن، ئۇلار ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، كىر - قاتلىرىمنى يۇيۇپ، ھەپتە ئاخىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشۈمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، بۇ تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە داۋاملاشتى».
تيەن خەيچېڭ بولاتنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، بولاتنىڭ ئۆي ئەتراپىنىڭ يانتاققا تولغانلىقىنى، تۆگە بېقىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، بولاتقا تۆگە بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش تەكلىپىنى بەردى ھەم ئۇنىڭغا پۇل يەتمىسە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بولات تيەن خەيچېڭنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قويلىرىنى سېتىۋېتىپ، تۆگە بېقىشقا كىرىشتى. نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بولات ئائىلىسىنىڭ تۆگىلىرى  100 دىن ئاشتى، تۆگە سۈتىدىنلا يىلىغا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. ھازىر بولات ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.
بولات بىلەن خوتۇنى نۇرگۈلزات تيەن خەيچېڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دىدى: «بەختىمىزگە يارىشا تيەن ئاكامنىڭ تەكلىپى بىلەن، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى».  تيەن خەيچېڭ مۇنداق دېدى: «مەن بولات بىلەن ياخشى ئاكا - ئۇكا، شۇڭا ئۆزئارا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، بىز ئاكا - ئۇكىلىق مېھرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى