قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمىتى

2018-11-09 18:46:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى ۋە بىڭتۈەن 3- شىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايدىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.
بىڭتۈەن «ساۋخۇ» گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى باغچا رايونىغا جايلاشقان «دۇڭچۈنشىڭ» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، ئىشچى ئېزىز غەيرەت ماشىنا مەشغۇلاتىنى پىششىق قىلىپ، بىر تۈركۈم زاكاز قىلىنغان كىيىم- كېچەكلەرنى تەييارلاۋاتاتتى. ئېزىز غەيرەت قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر بازىرى ساي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە بولۇپ، ئۇ گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر شىركەتكە كىرىپ تەربىيەلىنىپ، سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، كەسپىي ئىشچىغا ئايلاندى. ئېزىز غەيرەت مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئۆيدىكى ئۈچ كىشى ئىشلەيمىز، ئۈچىمىزنىڭ بىر ئايلىق ئومۇمىي ئىش ھەققى 10 مىڭ يۈەن بولۇۋاتىدۇ. زاۋۇت بىز ئەر- ئايالغا ئۆي بەردى ھەمدە ئاپتوماتىك كىرئالغۇ، سۇ ئىسسىتقۇچ قاتارلىقلارنى ھەقسىز ئورنىتىپ بەردى.
كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇش؛ كەسىپلەر باغچا رايونى بەرپا قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش-- ئىزچىل تۈردە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «ئىككى ناھىيە، بىر شى» ئۈچۈن «دۇڭچۇنشىڭ» توقۇمىچىلىق شىركىتى، «يىجىنچېڭ» كىيىم- كېچەك شىركىتى ۋە «شىڭيې» ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىدىن 97 نى كىرگۈزۈپ، 20 مىڭ 400 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 148 كارخانا گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى، قەشقەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى دەسلەپكى رايونى، گۇاڭجۇ سانائەت شەھەرچىسى قاتارلىق باغچىلاشقان رايونلارغا ماكانلاشتى. شىنجاڭ «دۇڭچۈنشىڭ» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جيايۈن مۇنداق دېدى: ھازىر بىزنىڭ «دۇڭچۈنشىڭ» گۇروھىمىزدا 3 مىڭ 100 ئادەم ئىشلەۋاتىدۇ. ئۈچىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئىشلەيدىغانلار 5 مىڭغا يېتىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئالدىنقى ئايدا 3 مىڭ 700 يۈەن بولدى. يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ تۈر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، %70 مەبلەغنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەمىنلىگەن.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلىرى ۋە كەسىپلەر باغچا رايونلىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۇرسى ئېچىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشى بويىچە تەربىيەلىدى ھەمدە بېيىش ئۇسۇللىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئېڭىنى كۈچەيتتى. «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى» ئارقىلىق، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە «كاللا» سىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇردى. بىڭتۈەن 3- شى 46- تۇەنىدە ئولتۇرۇشلۇق مەلىكەزات ياقۇپ كارخانىدا ئۆگىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم. مەنمۇ خېلى كۆپ دوستۇمنى بۇ يەردە ئىشلەشكە تونۇشتۇردۇم. سېخ بىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالدى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ «باش ئىشتاب، ھەمراھ زاۋۇت، دېھقان ئائىلىلىرى، سېخ» ئۆزئارا بىرلەشكەن ئۈچ دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، ياردەم بېرىلىدىغان جايلاردا قۇرۇلغان يېزا- بازار ھەمراھ زاۋۇتلىرى 40 تىن ئېشىپ، 6 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياردەم بېرىلىدىغان قىسمەن جايلاردىكى ھەمراھ زاۋۇتلارنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ 50 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر بولدى. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنت ئاھالىسى نۇرگۈلنىڭ ئىلگىرى كۈنلىرى ئېتىز- ئېرىق ۋە ئائىلە ئىشلىرى بىلەن ئۆتەتتى. ھازىر، ئۇ ئۆيىنىڭ قېشىدىكى «يۈفېڭلىڭ» كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمراھ زاۋۇتىدا خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن ئۆيدىكى ۋاقتىمدا باشقىلارنىڭ ئەتىگەندە ئىشقا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەۋەس قىلاتتىم. ھازىر مەنمۇ مائاشلىق خىزمەت تاپتىم، تەقدىرىمدە ئۆزگىرىش بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ياخشى سىياسىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ليۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: بىز %80 تۈرنى خەلق تۇرمۇشى، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلدۇق. كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، بىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى