قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نۇرغۇن ئېسىل لىنىيەلەردە قار ـ مۇز ساياھىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2018-11-09 18:57:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بۇ يىل كۈزدىكى ئىككى قېتىملىق قار، ئاپتونوم رايونىمىزنى يەنە بىر قېتىم ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جايغا ئايلاندۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەت تارماقلىرى لىنىيىلەرنى جىددىي پىلانلاپ، بۇ يىل  قىشلىق قار ـ مۇز ساياھىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتى» جۇڭگو غەربىي رايون قار ـ مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 13ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالتاي ۋىلايىتى ۋاقتى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان قىش پەسىللىك ساياھەت ئىسىل لىنىيەسىدىن تۆتنى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «جۇڭگونىڭ قار ماكانى» ئالتاينىڭ قىشلىق ئومۇمىي ساياھەت مەنزىرىسى  لىنىيەسى بويىچە، ئالتاي شەھىرى ـ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى ـ بۇرچىن ناھىيەسى ـ قۇمقاناس ـ ئاق قابا لىنىيەسىدە بۇرۇلتوقايدا قىشلىق بېلىق تۇتۇشقا قاتناشقىلى، چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر بۇرچىندا مەززىلىك تائاملارنى تېتىغىلى، تۇۋالارنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ قىشلىق تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، قاناسنى ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ؛ «جۇڭگونىڭ قار ماكانى» ئالتاينىڭ قىشتىكى ئۆزگىچە ساياھىتى لىنىيەسى بويىچە، ئالتاي شەھىرى ـ بۇرچىن ناھىيەسى ـ چوڭقۇر بازىرى ـ قۇم ـ قاناس لىنىيەسىدە «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي» دا قار تېيىلىغىلى، شۇنداقلا قۇم قاناس يېزىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل قارلىق مەنزىسىرىنى تاماشا قىلغىلى، تۇۋالارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئائىلە زىيارىتى قىلغىلى، قاناسنى ساياھەت قىلغىلى، بۇرچىن ناھىيىسىدە يەنە چوڭقۇر بازىرىنىڭ تۇمان سۆڭگىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ؛ «جۇڭگونىڭ قار ماكانى» ئالتاينىڭ قىش پەسلىدىكى ئورمانلىقىنى كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتى لىنىيەسى ئالتاي شەھىرى- قۇم ـ قاناس ـ ئاق قابانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ جۇشقۇن ئالتاينىڭ دالا قار تېيىلىش سەپەر خاتىرىسى لىنىيەسى ئالتاي شەھىرىدىن كۆكتوقايغا بارىدىغان لىنىيە بولۇپ، يول بويىدا قار تېيىلىپ، قەدىمىي تۈستىكى قار تېيىلىشنى ھىس قىلغىلى، تىك ئۇچار بىلەن ئېگىز چوققىغا چىقىپ قار تېيىلغىلى، قارلىق تاغ جىلغىسىدا قار تېيىلىش سەپىرىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىشلىق ساياھەت بازىرىنى قىزىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، شۇيشىگۇ قار مۇز كىچىك بازىرى، خەلقارا چوڭ بازار 1 كۈنلۈك ساياھىتى، ئاق بۇلۇت خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى؛ شۇيشىگۇ قار مۇز بازىرى، خەلقارا چوڭ بازار 1 كۈنلۈك ساياھىتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شۇيشىگۇ قار مۇز بازىرى، يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، تيانشان چوڭ جىلغىسى، خەلقارا چوڭ بازار 2 كۈنلۈك ساياھىتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، خەلقارا چوڭ بازار، ياۋا ئات قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى 1 كۈنلۈك ساياھىتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ياۋا ئات قەدىمكى ئېكولوگىيە باغچىسى، خەلقارا چوڭ بازار، جۈنباڭ «يىپەك يولى كۆرگەزمىسى»1 كۈنلۈك ساياھىتى؛ ياۋا ئات قەدىمى ئېكولوگىيە باغچىسى، ۋېستې قار تېيىلىش مەيدانى، خەلقئارا چوڭ بازار 1 كۈنلۈك ساياھىتى؛ 8ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بۇرۇنقى ئورنى، ماۋ زېمىن كونا تۇرالغۇسى، خەلقئارا چوڭ بازار 1 كۈنلۈك قىزىل ساياھىتىدىن ئىبارەت قىشلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيىسىدىن 7نى ئوتتورىغا چىقاردى.
بۇ يىل 16ـ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار ـ مۇز مەنزىرىسى بايرىمىدا شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قار ـ مۇز شادلىقى جىلغىسى بەرپا قىلىنىپ، سەيلە ـ ساياھەت، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى، قار ـ مۇز كۆڭۈل ئېچىش، قار -مۇز يېمەك ـ ئىچمەك، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بويىچە مال سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق ھىسسى رايونلىرى تەسىس قىلىنىپ، قار تاماشا قىلىش، قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، مۇزلۇققا يامىشىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە شىنجاڭنىڭ «ئەڭ ئىللىق، ئەڭ ھاياجانلىق، ئەڭ سۈپەتلىك» بولغان قىشلىق ساياھەتچىلىكى باشلاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى