قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېقىندا «گۇاڭدۇڭ ـ شىنجاڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ھۆددە ئايروپىلانىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ شىنجاڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلار كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى

2018-11-09 18:58:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا «گۇاڭدۇڭ ـ شىنجاڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ھۆددە ئايروپىلانىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ شىنجاڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلار كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن 120 دىن ئارتۇق ساياھەتچى شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىلىك «ئەپەندىم» ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى قىزغىن ناخشا ـ ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ شىنجاڭنىڭ ھەر خىل ھۆل، قۇرۇق مىۋە- چىۋىلىرى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلىرىدىن ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېغىز تەككۈزدى؛ ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن قويۇلغان ئويۇنلارنى كۆرگەچ، مىللىي چالغۇلار كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە شۇ جايدىكى ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ «گۇاڭجۇ يېڭى شەھىرى»، «خاۋ يۈەنپىڭ» كىيىم ـ كېچەك چەكلىك شىركىتى، كونشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى 7- كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ساياھەتچىلەر شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، نامرات ئائىلىلەردىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، گۇاڭجۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئىگىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى «مىليونلىغان گۇاڭدۇڭلىقنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گۇاڭدۇڭدىن 1 مىليونغا يېقىن ئادەمنى قەشقەرگە ساياھەتكە ئەۋەتىشكە يېتەكلەپ، قەشقەرنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىش، يېقىن ئارىلىشىش يېڭى سۇپىسى ۋە يېڭى يولىنى بەرپا قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل گۇاڭدۇڭدىن قەشقەرگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىر مىليون 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن. بۇ گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ساياھەتكە ياردەم بېرىش ھۆددە ئايروپىلانى ئەۋەتىشى بولۇپ، كېيىنكى يەتتە كۈندە 120 دىن ئارتۇق ساياھەتچى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، مارالبېشى توغراقلىقى، تۆمۈر چوققىسى چوڭ جىلغىسى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، باغراش كۆلى ئالتۇن ساھىلى قاتارلىق سەيلىگاھلارنى ساياھەت قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى