قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە «گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2018-11-09 18:59:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە «گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىگە نۇرغۇن ئەسەرلەر سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم سۇنۇلغان ئەسەرلەر ئىچىدىن 50 نەچچە فوتوگرافنىڭ 100 پارچە مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى «نەنخۇ كېچىسى» ناملىق ئەسەردە، بوشلۇقتىن ئۈرۈمچى نەنخۇ مەيدانىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە نەزەر سېلىنغان؛ «بايىنبۇلاقنىڭ سازلىقلىرى ئەگرى ـ توقاي» ناملىق ئەسەردە، ئون سەككىز ئەگمىنىڭ چەكسىز سېھرى كۈچى نامايەن قىلىنغان؛ «كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلىنىش» ناملىق ئەسەردە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تيەنزى يولى ئاسما كۆۋرۈكى سۈرەتكە تارتىلغان. بۇ كۆرگەزمە مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى شۆلياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى فوتوگرافلار تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزگىرىشچان فوتۇئاپپارات ۋە ئۆزگەرمەس قىزغىنلىق بىلەن گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئېسىل ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىپ، ئىدىيە ئارقىلىق فوكۇس تاللاپ، فوتۇ ئاپارات ئارقىلىق ئىپادىلەپ، سانسىزلىغان سەر خىل دەقىقىلەرنى خاتىرلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى