قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 بۇ يىل كۈز كىرگەندىن بۇيان، 71 ئاققۇ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى شىمالىي تاغ باغچىسى كېپىنەك بۇلىقىدا قىشلىغىلى كەلدى

2018-11-09 19:02:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل كۈز كىرگەندىن بۇيان، 71 ئاققۇ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى شىمالىي تاغ باغچىسى كېپىنەك بۇلىقىدا قىشلىغىلى كەلدى. قىشلايدىغان ئاققۇلار ئىچىدىكى 4 جۈپ ئاققۇ 10 دانە كىچىك ئاققۇ چۈجىسىنى تۇخۇمدىن چىقىرىپ، نۇرغۇن ئاممىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
كېپىنەك بۇلىقىدا 70 نەچچە قاراقۇ ۋە ئاققۇ بار بولۇپ، تۆت جۈپ قاراقۇ تۇخۇمدىن 10 دانە كىچىك ئاققۇ چۆجىسى چىقاردى. ئەڭ كىچىكىنىڭ تۇخۇمدىن چىققىنىغا تېخى 20 كۈنمۇ بولمىدى. پەقەت ئالقانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان ئاققۇلار خۇددى كۈل رەڭ كىچىك ئۆردەكلەرگە ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ تۈكلىرى مامۇقتەك يۇمشاق بولۇپ، ئانىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرىشەتتى، ئۇلارنىڭ ئوماق ھالىتى ساياھەتچىلەرنى ئىنتايىن جەلپ قىلدى.
 بۇ 10 چۆجە گەرچە ئاتا ـ ئانىسىدەك ئۇنداق كۆركەم بولمىسىمۇ، ئەمما بەك ئوماق بولۇپ، بېشىنى سۇغا ياكى قانىتىنىڭ ئاستىغا تىقىپ تۇراتتى. باقمىچىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى ساياھەتچىلەر كېلىپ ئاققۇ چۈجىلىرىنى سۈرەتكە تارتىدىكەن، ئۇلار بۇ يەرنىڭ كىچىك چولپانلىرىغا ئايلىنىپ قالغان.
شىمالىي تاغ باغچىسى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: شىمالىي تاغ باغچىسىغا بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزىدىغان ئاققۇلار ئىچىدە 52 دانە قاراقۇ ۋە 19 دانە ئاققۇ بار، ئاققۇلارنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق. نۆۋەتتە پەقەت قاراقۇلارنىڭ چۆجىلىرىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ.
 بۇ ئاققۇلار ئادەتتە باغچىدىكى كېپىنەك بۇلاق ئەتراپىدا پائالىيەت قىلىدۇ. بۇ يەرنىڭ سۈيى بۇلاق سۈيى بولۇپ، قىشتىمۇ مۇز تۇتمايدۇ. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئاققۇلارنىڭ قىشلىشىغا بەك ماس كېلىدۇ.
ئاققۇلارنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم ياشاپ ئەۋلاد قالدۇرۇشى ئۈچۈن، باغچىدىكىلەر يەنە بۇلاق سۈيى ئىچىگە سەككىز ئارال ياساپ، ئۈستىگە چىم ياتقۇزدى. باقمىچىلار يەنە كىچىك ئاققۇلارنىڭ يىيىشى ئۈچۈن كۆممەقوناق ۋە كۆكتاتلارنى تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى