قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىخەنزىدە كۆزلىرى بۈركۈتتەك ئۆتكۈر بىر جىنايى ئىشلار ساقچىسى بار، ئۇنىڭ نەزىرىدىن ھېچنىمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ

2018-12-14 16:19:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نەچچە ئون جىڭ ئېغىرلىقتىكى تېخنىكا ئۈسكۈنىسىنى كۆتۈرۈپ، ئېگىز بىنالارغا پىيادە چىقىپ تەكشۈرۈش؛ پىژغىرىم ئىسسىق ياز كۈنلىرى سېسىقچىلىق ۋە پاشىنىڭ چېقىشىغا چىداپ، قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن جايدا نەچچە سائەت زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، جىنايەت گۇماندارى قالدۇرۇپ قويغان ئىزلارنى تېپىش. بۇ كۆرۈنۈش ھەرگىزمۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئەمەس، بەلكى شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا تارماق ئەترىتى تېخنىكا چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ۋېن شىنپىڭنىڭ خىزمەتتىكى ھالىتى.
ساقچى فورمىسى كەيگەن ۋېن شىنپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىر ئەزا. ساقچى بولغان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۇ جىنايەتچىلەرنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئاق خالات، پەلەي كەيگەن ھامان، رازۋېدكا مەيدانىدىكى ئىزلارنى ئېغىز ئاچقۇزىدىغان، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمانغا ئايلىناتتى.
بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن ۋېن شىنپىڭنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرىدىن بىر خىل بىلىملىك ۋە زىيالىيغا خاس سالاپەت چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ سالاپىتى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ھەيۋەتلىك ساقچى ئوبرازىدىن بەكلا پەرقلىنەتتى. دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇددى مەشئەلگە ئوخشاش، ھەممىنى ئېنىق كۈزىتىپ چىقاتتى. شۇڭا، خىزمەتداشلىرى ئۇنى بىر جۈپ «بۈركۈتتەك ئۆتكۈر كۆزى بار» دىيىشەتتى.
 2004- يىلى شىخەنزىدىكى مەلۇم ئورۇننىڭ پرويېكتورى ئوغرىلاندى. ۋېن شىنپىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ باردى. بۇ يەرنىڭ خىزمەت مۇھىتى ئالاھىدە بولغاچقا، نەق مەيدان بەلگىلىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. ۋېن شىنپىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كۆپ يىللىق دېلو بېجىرىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى چوقۇم نەق مەيداندا يىپ ئۇچى قالدۇرۇپ قويدى، دەپ ھۆكۈم قىلدى. ۋېن شىنپىڭ ئىزلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، بىر ئەينەك پارچىسىدىن باھالاش شەرتىنى ھازىرلىغان بارماق ئىزىنى بايقىدى. ۋېن شىنپىڭ كېيىنكى تەھقىقلەش، رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىدە، تەكشۈرۈشكە يوللانغان مىڭدىن ئارتۇق بارماق ئىزىنى ۋاقتىدا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەمدە نەق مەيداندىكى بارماق ئىزىنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىنىڭ ئىزى دەپ بېكىتىپ، بۇ دېلونى پاش قىلىشنى ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ كۈچلۈك دەلىل- ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا، شۇ ئورۇننىڭ 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇپ كەلدى.
 ۋېن شىنپىڭنىڭ خىزمەتدىشى چېن لىن مۇنداق دېدى: ۋېن ئۇستام دېلوغا بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەر قېتىم قىيىن دېلوغا يولۇققاندا، ۋېن ئۇستامنىڭ كۆزلىرى يورۇپ كېتىدۇ. ئۇ تەجرىبىخانىدا بىر ئولتۇرسا نەچچە سائەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئازراق يىپ ئۇچىنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ ئۆگەنگىنىمىز ئەستايىدىللىق بولدى.
ئاق خالات، باش كىيىمى، ماسكا، پەلەي ۋېن شىنپىڭنىڭ خىزمەتتىكى بەلگىسى. ئۇ ئادەتتە ساقچى فورمىسى كىيمىسە، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئىز تەكشۈرگۈچى ئالىي ئىنژېنېر ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. «ئەستايىدىل، ئىنچىكە، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، توغرا بولۇشنى تەلەپ قىلىش» ۋېن شىنپىڭنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلىپى.
ۋېن شىنپىڭ جىنايى ئىشلار نەق مەيدانىدىن ئىز تاپقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇراتتى. ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالسىلا، مەيلى قەيەردە بولسۇن، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ خىزمەتكە ئاتلىناتتى. ۋېن شىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى جاپا- مۇشەققەت ۋە چارچاشنى ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. لېكىن، دېلو پاش قىلىنمىسا، بىرىنچى سەپتە داۋاملىق كۈرەش قىلىمەن».
جىنايى ئىشلار بويىچە تەھقىقلەش خىزمىتى بىر چوڭ بىلىم، بۇنىڭدا ساغلام بەدەن بولۇش تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، يەنە قانۇن بىلىملىرىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش، تەھقىقلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاشمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. 1998- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى داشۆسىنىڭ تەھقىقلەش فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋېن شىنپىڭ، شىخەنزە شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا تارماق ئەترىتى تېخنىكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى بولدى. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن ئىدى. ھەش- پەش دېگۈچە 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ۋېن شىنپىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، چېنىقتۇرۇپ، ئادەتتىكى بىر تېخنىكا جىنايى ئىشلار ساقچىسىدىن، شىنجاڭ بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئىز تەكشۈرۈش ئالىي ئىنژېنېرىغا ئايلاندى.
 20 يىللىق جاپالىق ۋە شاد- خۇراملىققا تولغان جىنايى ئىشلار تېخنىكا ھاياتىدا، ۋېن شىنپىڭ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاساسىي ماھارەت ۋە كەسپىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ژۇرناللاردا 11 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، جىنايى ئىشلار تېخنىكا خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس، شىنجاڭ بىڭتۈەن بويىچە مۇنەۋۋەر جىنايى ئىشلار تېخنىكا كادىرى ۋە شى، شەھەر دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر سىياسىي قانۇن كادىر- ساقچىسى بولۇپ باھالاندى؛ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شەرەپ بىلەن 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى، ئالتە قېتىم مۇكاپاتلاندى.
 ھەر بىر پولاتتەك پاكىتلار تاغدەك چاقناپ تۇرغان دېلولار، بىر- بىرىدىن چاقنىغان شان- شەرەپلەر ۋېن شىنپىڭنىڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىزنالىرىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە بولغان ئەڭ ئالىي ھۆرمىتى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بولۇپ قالدى. ئەمما، ۋېن شىنپىڭ باشتىن- ئاخىر نام- شۆھرەتكە بېرىلمىدى. ئۇ «شان- شەرەپ كوللېكتىپنىڭ، مەن پەقەت ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتنى قىلدىم» دەيتتى. ئۇ ئۆز خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئەزەلدىن مەغرۇرلىنىپ، ئۆز- ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ باقمىدى. خىزمەتتە پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئادىل، قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى باشتىن- ئاخىر ئۆز ھاياتى دەپ بىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى