قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كىچىك تىپتىكى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

2019-01-24 11:48:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سۆگەت يېزا سىرغىلا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش جەھەتتە كۈچەپ، نامراتلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلەپ، كىچىك تىپتىكى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سۆگەت يېزا سىرغىلا كەنتىدىكى «سۆگەت» ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكىلەر چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر خالتىلارغا قاچىلانغان ئۇنلارنى خېرىدارلارنىڭ دۇكىنىغا ئاپىرىپ بىرىۋاتاتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: ھازىر كۈندە 100 خالتا ئۇن سېتىلىۋاتىدۇ، زاكازنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قىلىدىغان كىرىمىمىزمۇ ئاشتى.
«سۆگەت» ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى-- قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇلتۇر كەنتتە قۇرغان 3- ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر ئىدى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇغېنى راخمان مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىمىزدىكى باشقا ئەزالار سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە ياردەملەشتى، بۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر كۈندە 100 خالتىدىن ئارتۇق ئۇن ساتالايدىغان بولدى.
سىرغىلا كەنتىدە ئادەم كۆپ، تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەر ئاز بولغاچقا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كىچىك تىپتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئۇن» ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ياغاچ ئويما ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كىيىم-كېچەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى قۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇغېنى راخمان مۇنداق دېدى: بىز كەنتتە بىر بىناكارلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردۇق، 36ئادەم بىلەن 70 كۈندە تىجارەت كىرىمىمىزنى 840 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدۇق. ھەر بىر كىشى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.
خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بەرگەن 38 مىڭ يۈەن قوللاش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ياغاچ ئويما ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يېڭى تىپتىكى بىر ئويمىچىلىق ماشىنىسى سېتىۋالدى. ياغاچ ئويما ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇغېنى توقسۇن مۇنداق دېدى: بۇ ئويمىچىلىق ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن ئىش ئۈنۈمىمىز تېخىمۇ ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن تىجارەت كۆلىمىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كۆپ پۇل تېپىشقا تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى