قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇمقاناس كەنتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە پائالىيەتلىرى، رەڭگارەڭ قىشلىق ساياھەتنى بەرپا قىلدى

2019-01-25 13:16:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل قىشتا، قاناس مەنزىرە رايونىغا قوشنا بولغان قۇمقاناس كەنتى قارلىق دالا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى، گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق ھەر خىل ئالاھىدە پائالىيەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەتنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.
بۇ ئىككى كۈندە، ئەنئەنىۋى قارلىق دالا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى، قىزقۇۋار قاتارلىق مۇسابىقىلەر قۇمقاناس كەنتىدە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. تۇلپارلارنىڭ قارلىق دالىدا بەيگىگە چۈشىشىدەك ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدىكى كەسكىن ئېلىشىش، يەنە قىزلارنىڭ ئات مىنگەن چاغدىكى گۈزەل قىياپىتى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىش سادالىرى مەيداننى بىر ئالدى.
قارلىق دالا ئات بەيگىسى قۇمقاناس كەنتىنىڭ ئەنەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى. ھەر يىلى قىشتا، بۇ جايدىكى كىشىلەر ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ مۇسابىقە چارۋىچىلار ئارسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا سەھنە ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىدۇ.
بۇ يىل قىشتا قۇمقاناس كەنتىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت تۈرلىرى كۈندىن ـ كۈنگە كۆپەيدى، ساياھەتچىلەر كۈندۈزدە قارنى تاماشا قىلىپ، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ سېھرى كۈچىدىن ھوزۇرلانسا، كەچتە يەنە تۇۋالارنىڭ ئۆزگىچە گۈلخان كېچىلىكىگە قاتناشتى.كەچ كىرگەندە، يېقىملىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ، گۈلخان كېچىلىكى باشلاندى. بىر سائەت داۋاملاشقان گۈلخان كېچىلىكىدە، ساياھەتچىلەر رىتىمغا ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىشىپ، توختىماي ئالقىش ياڭرىتىپ، گۈلخان كىچىلىكىنىڭ سېھرى كۈچىدىن مەستخۇش بولۇشتى. ساياھەتچىلەر تۇۋالار ئورۇنلىغان مۇزىكىغا ئەگىشىپ، گۈلخاننى چۆرىدەپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ناخشا ئېيتىپ، قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى