قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىسسىق قېنى جەڭ مەيدانىغا تۆكۇلگەن خۇاڭ خۇا

2019-02-12 12:51:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خۇاڭ خۇانىڭ ئەسلى ئىسمى خۇاڭ جىنشەن، 1911- يىلى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ياڭشىن ناھىيەسى مۇشى پورت رايونى فېڭخۇاڭ يېزا لياڭشاڭ كەنتىدە تۇغۇلغان. 1926- يىلى 9- ئايدا، لياڭشاڭ كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەر بىرلىشىپ تەشكىللىگەن بالىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1928- يىلى، ياڭشىن ناھىيەسى قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتىگە قاتناشقان. 1929- يىلى ئەتىيازدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان.

1930- يىلى 5- ئايدا، خۇاڭ خۇا جۇڭگو ئىشچى- دېھقان قىزىل ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، بەنجاڭ، پەيجاڭ، ليەنجاڭ ۋە 5- جۈن 4- زوڭدۈينىڭ شىتاب باشلىقى بولغان. مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىنىڭ ھەر قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان. شىمالىي شەنشىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ تەلىم- تەربىيە شى 3- تۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، قىزىل ئارمىيە داشۆسى كادىرلار تۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1937- يىلى، مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، يەنئەندىن شەرققە يۈرۈش قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ئىسمىنى خۇاڭ خۇا دەپ ئۆزگەرتىپ، مىللەت ۋە ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش دولقۇنىدا «ئىنقىلابىي تۇلپار» بولۇشقا بەل باغلىغان.

1937- يىلى 9- ئايدا، خۇاڭ خۇا غەربىي جەنۇبىي سەنشىگە بېرىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازا قۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ، غەربىي جەنۇبىي سەنشى پارتىزانلار تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1938- يىلى 8- ئايدا، غەربىي جەنۇبىي سەنشى چېگرا رايون پارتكومى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە 115- شى غەربىي سەنشى مۇستەقىل تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ يۆتكىلىپ، غەربىي جەنۇبىي سەنشىدىكى دۈشمەن ئارقا سېپىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازا قۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلغان ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. 1940- يىلى 4- ئايدا، غەربىي شەندۇڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قوشۇمچە 3- شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان.

1943- يىلى 3- ئايدا، خۇاڭ خۇا 8- ئارمىيە خېبېي- شەندۇڭ چېگرا رايونىنىڭ قوماندانى بولۇپ يۆتكەلگەن. شۇ يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۇ شىنخەي ناھىيەسى داجاۋ كەنتىدە مۇھىم ھەربىي ئىشلار يىغىنى ئېچىۋاتقاندا، خائىنلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان. شۇ يىلى ئۇ 32 ياشتا ئىدى.

خۇاڭ خۇانى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 1945- يىلى، شىنخەي ناھىيەسىنىڭ نامى خۇاڭخۇا ناھىيەسىگە ئۆزگەرتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنقىلابىي قۇربان خۇاڭ خۇانىڭ ئىش- ئىزلىرى ۋە روھى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ تۇپراقتا تارقالماقتا، ۋارىسلىق قىلىنماقتا، جارى قىلدۇرۇلماقتا.

تەرجىمان: مەدىنە 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى