قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇرۇش قەھرىمانى-- چيەن يۈنچىڭ

2019-02-15 11:34:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چيەن يۈنچىڭ، 1906- يىلى خۇنەندە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا جۇڭگو ئىشچى- دېھقان قىزىل ئارمىيەسى ۋە ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان.

مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن چيەن يۈنچىڭ 8- ئارمىيە 120- شى بىلەن بىللە غەربىي شىمالىي سەنشى ۋە ئوتتۇرا خېبېيدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭ قىلغان. 1942- يىلى ياپون ئارمىيەسى ئوتتۇرا خېبېيدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارغا قارىتا دەھشەتلىك چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، «ئۈچ يۇقۇتۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغان. چيەن يۈنچىڭ قىسىمنى باشلاپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ياپون ئارمىيەسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. بىر قېتىملىق پىستىرما جېڭىدە، چيەن يۈنچىڭ قوشۇننى باشلاپ، 30 دىن ئارتۇق ياپون ئەسكىرىنى يوقىتىپ، بىر پىلىموت، 20 نەچچە مىلتىقنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئوتتۇرا خېبېي ھەربىي رايونىنىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق چىقىرىپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.

1943- يىلى 5- ئايدا، چيەن يۈنچىڭ ئوتتۇرا خېبېيدىكى مۇھاپىزەتچىلەر لۈيى 40- رايون ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ، 20 نەچچە قېتىملىق جەڭگە شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ زور بىر تۈركۈم قورال- ياراغلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ياپون ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيەدىن 100 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئەسىر ئالغان. 1943- يىلى 8- ئايدا، ئارمىيەمىز شېنشيەن ناھىيەسىدىكى خۇاڭلۇڭدا ياپون ئارمىيەسى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغاندا، چيەن يۈنچىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا تۇرغان. جەڭ ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ياپون ئارمىيەسىنىڭ بومبىسى تېگىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان. شۇ يىلى ئۇ 37 ياشتا ئىدى. چيەن يۈنچىڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا خېبېي ھەربىي رايونى تەرىپىدىن «ئۇرۇش قەھرىمانى» دەپ ئەنگە ئېلىنغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى