قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىز پۈكمەس قىزىل باشقۇرغۇچى-- ماۋ زېمىن

2019-02-20 12:09:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ماۋ زېمىن، 1896- يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتەن شەھىرىدىن. 1921- يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ناھايىتى تېزلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1925- يىلى 2- ئايدا ئاكىسى ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىللە شياڭتەن، شياڭشياڭغا بېرىپ دېھقانلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، شۇ يىلى 9- ئايدا، گۇاڭجۇ دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسىدا ئوقۇغان. ئارقىدىن، شاڭخەي، ۋۇخەن، تيەنجىن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ مەخپىي خىزمىتىنى ئىشلىگەن.

1931- يىلىنىڭ بېشىدا ماۋ زېمىن مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا بېرىپ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى ھەربىي رايونى ئىقتىساد بولۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1931- يىلى جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەت بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

1933-يىلى 5- ئايدا، ماۋ زېمىن فۇجيەن- جياڭشى ئۆلكىلىك سوۋېت ھۆكۈمىتى مالىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، 1934- يىلى 9- ئايدا قوشۇمچە دۆلەت تاشقى سودا باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1934- يىلى 10- ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولغان، جۇڭخۇا سوۋېت مەركىزىي ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت بانكىسى 15- چوڭ ئەترەت بولۇپ تەشكىللەنگەندە ماۋ زېمىن چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان. 1936- يىلى 2- ئايدا، ماۋ زېمىن جۇڭخۇا سوۋېت ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك ھۆكۈمىتى خەلق ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، 1938- يىلى 2- ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ماۋزېمىن جۇ بىن دېگەن ئىسىم بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى ئىشلىگەن ھەمدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1942- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، ماۋزېمىن ۋە چېن تەنچيۇ قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى ئەكسىيەتچى مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1943- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۈشمەنلەر تەرىپىدىن مەخپىي زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغان، شۇ يىلى ئۇ 47 ياشتا ئىدى.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى