ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى 107.4 سەنئەت رادىيۇسى

2012-04-12 12:23:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى 107.4 سەنئەت رادىيۇسى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ1-كۈنى ئاڭلىتىش باشلىغاندىن بۇيان مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىكى رەڭدار پروگراممىلىرى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان چاستوتىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. 107.4سەنئەت رادىيۇسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاڭلىتىش باشلىشى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا كەسپلەشكەن رادىيو بولماسلىقتەك تارىخىغا خاتىمە بەردى. 107.4سەنئەت رادىيۇسى دەسلەپ قۇرۇلغان مەزگىللەردە ئاساسەن ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئاساس قىلغان پروگراممىلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقاردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ كۆپ خىللىشى نەتىجىسىدە بىر قىسىم مەخسۇس پروگراممىلارنى، خەۋەر تىپىدىكى پروگراممىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ھەر يىلى دىگۈدەك 1-ئايدا ۋە 5-ئايدا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئاساسىدا ھەر قايسى پروگراممىلارنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يېڭىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، سەنئەت رادىيۇسى پروگراممىلىرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل ۋە جانلىق چىقىشىغا ئاساس سالدى. بۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ چاستۇتا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ،ئاڭلاش نىسبىتى جەھەتتە ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى ئورۇننى ئېگىلەپ كېلىۋاتقان رادىيۇلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
107.4سەنئەت رادىيۇسى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ياز كۈنلىرى 18يېرىم سائەت، قىش كۈنلىرى 18سائەت ئاڭلىتىش بېرىپ كەلمەكتە. ھازىر بۇ رادىيۇدا «پروگرامما بۆلىمى»، «تەھرىر بۆلىمى»، «ئىشلەپچىقىرىش بۆلىمى»، «سىرتقى تەشۋىقات بۆلىمى»، «پىلانلاش بۆلىمى» قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 30نەپەر خىزمەتچى خادىم بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېكتور-رىياسەتچىلەر 12نەپەر، قالغانلىرى مەسئۇل مۇھەررىر ۋە مۇھەررىرلەردىن ئىبارەت.
107.4سەنئەت رادىيۇسى قۇرۇلغان قىسىقىغىنە 4يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگىمۇ ئېرىشتى. ھازىر بۇ رادىيۇدا يىلىغا 150قىسىمغا يېقىن رادىيۇ دىراممىسى يېڭىدىن ئىشلىنىپ ئاڭلىتىلىدۇ، 300ئاڭلىتىشتىن ئارتۇق رومان، پوۋىست 250 ئەتراپىدا ناخشا -مۇزىكا ئۈنگە ئېلىنىدۇ. ئىزچىل تۈردە رەھبەرلىك كۆڭۈل بۆلۈش، يېتەكلەش ۋە مۇھەرىر رىياسەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ھەم ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە نۆۋەتتە بۇ رادىيۇنىڭ «شەھەر ئاۋازى»،«جۇڭگو ئاۋازى»، «شادلىق مىنۇتلىرى»،«تىياتىر كۇلۇبى»،«گۈلۈستاندىن گۈلدەستە»،گۈلشەن ۋادىمىزدا»، «تۈن تىۋىشلىرى»،«دۇنيادىكى ئىشلار»، «گۈل-غۇنچىلار» قاتارلىق پروگراممىلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەندىن باشقا يەنە شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسىنىڭ كوزىر پروگراممىلىرى قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا نەق مەيداندىن بېۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنىمۇ پائال تەشكىللەپ «شاتلىق مىنۇتلىرى پروگراممىسىدا ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى»، «سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى ئالاھىدە پروگراممىسى» قاتارلىق  15مەيدان بېۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر يىلى دىگۈدەك يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى، نورۇز بايرىمىنى تەبىرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كېچىلىكلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن بېۋاستە ئاڭلىتىپ ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئۆتكۈزۈلگەن ئەتلەس پائالىيىتى ۋە ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئۈمىتجانغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ كەڭ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە قىزغىن ئالقشىغا ئېرىشتى. مۇكاپاتلىق ناخشا-مۇزىكا قوبۇل قىلىش مۇسابىقىلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتىن 500دىن ئارتۇق يېڭى ناخشا مۇزىكا قوبۇل قىلىنىپ رادىيۇدا ئاڭلىتىلدى، قۇمۇل ۋە تۇرپان مۇقاملىرىنى رەتلەپ ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى. «گۈل-غۇنچىلار» پروگراممىسى ئۆتكەن يىلى دۆلەت رادىيۇ-تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر پروگرامما مۇكاپاتىغا،«ناۋاي»،«يۈكسەك مۇھەببەت» قاتارلىق رودىيو دىراممىلرى «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات - سەنئەت»  مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسىغا شەرەپ كەلتۈردى.
107.4سەنئەت رادىيۇسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە نادىر ئەسەر يارىتىشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، شۇ ۋەجىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا بۇ رادىيونىڭ تۈرلۈك پروگراممىلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق باھالاشلاردا 1-،2-،3-لىكنى قولغا كەلتۈردى.
شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى 107.4سەنئەت رادىيۇسى بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسى داۋامىدا توغرا جامائەت پىكىرى يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، رادىيۇ پروگراممىلىرىنىڭ «ئۈچكە يېقىنلىشىش» تەلىپى بويىچە، ھەر قايسى پروگراممىلاردا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يېڭىلىقلارنى يارىتىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.  بىزنىڭ شۇئارىمىز: بىز ھەر ۋاقىت ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمىز، رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشى بىز ئۈچۈن زور مەدەت.  

چاستوتا رەھبەرلىرى ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرى

تەھرىر بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىملار

ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىملار

پروگرامما بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىملار

 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى